ئالتە قېرىنداشنىڭ 50 يىلدىن ھالقىغان چوڭقۇر مۇھەببىتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاۋ چۇنخۇا

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ شەھەر رايونىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بەيياڭخې قازاق يېزىسىنىڭ بەيياڭخې كەنتىدە ئالتە قېرىنداشنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۆزئارا ياردەم بەرگەنلىكى، بىر - بىرىنى يۆلىگەنلىكى تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئالتە قېرىنداش ئوخشاش بولمىغان جايدىن، ئوخشاش بولمىغان ئائىلىدىن، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇزاق يىل داۋاملاشقان كەڭ ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا بارغانسېرى يېقىن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى.

بىللە چارۋا بېقىپ، بىرلىكتە يەر تېرىپ دوستلۇق مېھرى ئورنىتىش

«بەشىنچى ئاكا، بۇ يىل كۆممىقوناقنىڭ ھوسۇلى يامان ئەمەس بوپتۇ!» 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، تاغلار ئوراپ تۇرغان بەيياڭخې كەنتىدە قاتمۇقات ئورمانلار رەڭدارلاشقانىدى، تاغ ئېتىكىدىكى قۇرۇتۇش مەيدانىدا ساپسېرىق كۆممىقوناقلار يېيىتىپ قويۇلغانىدى، ليۇ يىڭ بىر باش كۆممىقوناقنى ئېلىپ كۆممىقوناق دېنىنى تەخمىنەن ساناپ بېقىپ ئەخمەت ھۈسەنگە شۇنداق دېدى.

شۇ كۈنى ئەخمەت ئائىلىسىدىكىلەر كۆممىقوناق دېنىنى ئايرىماقچى ئىدى، قېرىنداشلارنىڭ چوڭى ۋاڭ شيۇڭ، ئىككىنچىسى بادمارا، ئۈچىنچىسى جىن شۆخۇي، بەشىنچىسى ئەخمەت ھۈسەن، ئالتىنچىسى ليۇ يىڭ يەنە جەم بولدى.

«ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە بىللە چارۋا باقتۇق، مەھسۇلات ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىلگەندىن كېيىن، يەنە تاغ باغرىدا يەر تېرىدۇق، ھازىر چاچلىرىمىز ئاقىرىپ كەتتى، ئەمما چېچىلىپ كەتمىدۇق!» دان ئايرىش ماشىنىسى گۈرۈلدەيتتى، قېرىنداشلار غەيرەتكە كېلىپ سورىغان كۆممىقوناق دانلىرى كۈن نۇرىدا ئالتۇندەك پارقىرايتتى.

ۋاقىت ئىسترېلكىسى 50 نەچچە يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا قايتۇرۇلدى.

1966 - يىلى، 23 ياشلىق ۋاڭ شيۇڭ بەيياڭخې كەنتىگە كېلىپ تۇرمۇش كەچۈردى، تۆت يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇنجى بالىسى تۇغۇلدى.

«خوتۇنۇم يەڭگىگەندىن كېيىن سۈتى كەلمىدى، مەن ئۆيمۇئۆي قاتراپ كالا سۈتى ئىزدىدىم، كۆپچىلىك ئۆيىدە بار بولسىلا بېخىللىق قىلماي بەردى. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇ ۋاقىتلاردا كالا سۈتى ئىنتايىن ئەتىۋارلىق ئىدى.» ۋاڭ شيۇڭ مۇنداق دېدى: بالامنى قولۇم - قوشنىلار بىللە بېقىپ چوڭ قىلدى.

1984 - يىلى ليۇ يىڭ گەنسۇ دىڭشىدىن ئۆزى يالغۇز شىنجاڭغا كەلدى، بەيياڭخې كەنتىدىكى «چوڭ دادا» «چوڭ ئانا»لار ئۇنىڭ بۇ يەردە يىلتىز تارتىشىغا ياردەم بەردى. «شۇ چاغلاردا، قايسى ئۆيدە تاماق پىشسا مېنى چاقىراتتى؛ كىيىمىمنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، بادمارانىڭ ئانىسى ئۇنىڭ كىيىمىنى ماڭا كىيدۈرۈپ قوياتتى» دېدى ليۇ يىڭ.

ھەممە ئىشلار خۇددى يېقىندىلا يۈزبەرگەندەك ئىدى.

«كەمپۈت بولسا تەڭ يەيتتۇق، ئىش بولسا بىللە قىلاتتۇق»

«ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە، مەن ۋاڭ شيۇڭ، ليۇ يىڭ بىلەن بىللە چارۋا باقاتتىم، كەمپۈت بولسا تەڭ يەيتتۇق، ئىش بولسا بىللە قىلاتتۇق، ئايرىلماس ئۈچ ئاكا - ئۇكىلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق» دېدى بادمارا تەسىرلىك قىلىپ.

ليۇ يىڭ گەپ قىستۇردى: «بىر قېتىم مەن قويۇمنى يىتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇ ئىككىسى تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ نەچچە سائەت ئىزدەپ ئاخىرىدا ماڭا ياردەملىشىپ قوينى تېپىشىپ بەردى».

مەھسۇلات ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ئالتە ئائىلىگە بىر تاغ باغرىدىن يەر بۆلۈپ بېرىلدى، ئەخمەت بىلەن بادمارانىڭ ئاشلىق تېرىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، قېرىنداشلىرى ئۇلارغا قولمۇقول ئۆگەتتى، ئەتىيازدىكى تېرىلغۇ، يازدىكى ئەمگەك، كۈزدىكى يىغىم... ئالتە ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈن - كۈنلەپ بىرلىكتە ئەمگەك قىلىشى، بىر - بىرىنى يۆلىشى داۋامىدا، ئەسلىدىكى ئۈچ قېرىنداش ئالتە قېرىنداشقا كۆپەيدى، رىشتىمۇ ساپسېرىق كۆممىقوناق دېنىدەك بارغانسېرى چىڭىدى.

«بىزنىڭ كونا ئۆينى قېرىنداشلار بىرلىكتە سېلىشىپ بەرگەن. كىمنىڭ ئۆيىدە ئىش بولسا، پەقەت چاقىرسىلا قېرىنداشلار ھايال ئۆتمەيلا بارىمىز.» ئەخمەت كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكىدەك بىرلىكتە ئەمگەك قىلىش بىزنىڭ كۆپ يىللىق ماسلاشقانلىقىمىزدىن بولۇپ، كۆپ يىل ئۆزگەرمەيدىغان ۋەدىدەك بولۇپ قالدى.

بىللە چارۋا بېقىش، بىللە ئۆي سېلىش، بىللە يەر تېرىش... يىللار جىمجىت ئۆتتى، بىر - بىرىنى يۆلەش بىر خىل ئادەتكە ئايلاندى، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىش دائىملىق ئىشقا ئايلاندى.

بۇلتۇر قىشتا، ئەخمەت ئېھتىياتسىزلىقتىن سۆڭىكىنى سۇندۇرۇۋالدى، ئۇ تېخى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا بادمارا ئەر - خوتۇن بىلەن ليۇ يىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 100دىن ئارتۇق قويىنى بېقىپ بەردى.

«توپتوغرا بىر قىش يەم - خەشەك توغراش، قويلارغا يەم بېرىشنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارغا تاياندىم، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىپ چوڭ مەسىلەمنى ھەل قىلىپ بەردى!» دېدى ئەخمەتنىڭ خوتۇنى چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلەن.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەڭگۈشتەرىنى يوقىتىپ قويمىدۇق»

دان ئايرىش ماشىنىسىنىڭ گۈرۈلدىشى شىپپىدە توختىدى، ئالتۇن رەڭ كۆممىقوناق دانلىرى ئامبارغا توشۇلدى. ئەخمەتنىڭ چاقىرىشى بىلەن قېرىنداشلار گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۇنىڭ تاغ باغرىدىكى ھويلىسىغا كەلدى، ھويلا دەرۋازىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسى» دېگەن خەت يېزىلغان تاختا پارقىراپ تۇراتتى.

2019 - يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لەۋھە تاختىسى ئەخمەتنىڭ ھويلىسىغا ئېسىلدى، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلەندى: «بىز ھەر مىللەت ئامما ئەۋلادمۇئەۋلاد بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدۇق، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ھويلىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسى!»

ئەخمەت چەينەكنى ئېلىپ ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قىزىل چاينى شىرەدىكى بەش پىيالىگە لىق قۇيدى. «ئەگەر سېرىكغازى راخمان كېسەل بىلەن كېتىپ قالمىغان بولسا، بۈگۈن بىز ئالتە قېرىنداش جەم بولغان بولاتتۇق» دېدى ۋاڭ شيۇڭ.

«چوڭ ئاكا، تۆتىنچى ئاكام تۈگەپ كەتكىنى بىلەن ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى دائىم بىزنى يوقلاپ تۇرۇۋاتىدىغۇ!» ئەخمەتنىڭ گېپى كىچىك ھويلىدىكى قىسقىغىنا جىمجىتلىقنى بۇزدى.

«توغرا، بىز ياشىنىپ قالدۇق، ئەمما بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرنى يوقىتىپ قويمىدى!» دېدى بادمارا بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ.

ئەخمەتنىڭ قىزى ئادىلە ئەخمەت ۋۇخەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، چوڭلارنىڭ بۇ دوستلۇق مېھرى ئۇنىڭمۇ ئىللىق ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى.

«ھەر قېتىم ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، تاغىلىرىمنىڭ ھەممىسى كېلىپ مېنى ئۇزىتىپ قويىدۇ، ماڭا پارچە خىراجەت پۇلى بېرىدۇ. مەيلى يۇرتۇمدا بولسۇن ياكى مەكتەپتە بولسۇن، ھەر مىللەت ئىناق ئۆتكەن چوڭ ئائىلىنىڭ كۆيۈنۈشى ھەر ۋاقىت قەلبىمنى ئىللىتىدۇ، شۇنداقلا مېنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، كۆيۈنۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئادىلە تېلېفوندا مۇخبىرغا.

بۈگۈنكى كۈندە، چوڭلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى، قەتئىيلىكى ئالتە قېرىنداشنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندى، بەيياڭخې كەنتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مېھرىمۇ ئۇزاق يىللار داۋامىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان