نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى

مەمەتيۈسۈپ مەمتىمىن:

نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۇڭ ۋېيگو

«بۇ تۆۋەن كاپالەتنى ئېلان قىلىش جەدۋىلىنى تېزدىن چاپلايلى، كۆپچىلىك تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىنىڭ قانداق تەڭشەلگەنلىكىنى ۋاقتىدا بىلىۋالسۇن» دېدى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مەمەتيۈسۈپ مەمتىمىن كەنت بوغالتىرىغا.

بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن مەمەتيۈسۈپ گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 2005 - يىلى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە چوڭ بولغان ئۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتى، 2009 - يىلى ئىمتىھان بېرىپ جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسىگە ئۆتتى. ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرى مەمەتيۈسۈپنى ئىچكىرىدە قېلىپ خىزمەت قىلىدۇ دەپ ئويلىغاندا، ئۇ گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرىغا قايتىپ خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدى.

«ئىچكىرى رايوندا ئوقۇۋاتقاندا، گۇما بىلەن چوڭ شەھەرنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كۆردۈم. مەن ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ جايغا بىر قىسىم يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» مەمەتيۈسۈپ كەنتكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى، 2017 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇجى بازىرىنىڭ ھاسار كەنتىگە بېرىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى.

ھاسار كەنتى ئېغىر نامرات كەنت، 2017 - يىلى نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %36.8 بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمغا يېقىن نامرات ئائىلە تۆۋەن كاپالەتكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇنداق ۋەزىيەت مەمەتيۈسۈپكە غايەت زور بېسىم ھېس قىلدۇردى.

«نۇرئەخمەت ئاكا، سىلەرنىڭ مۇجى بازىرىدا قوي گۆشى شورپىخانىسى ئېچىۋاتقىنىڭلارغا نەچچە يىل بولدى، سوداڭلارمۇ ئىزچىل ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىل كەنتتىكى نامرات ئاھالىدىن بىر نەچچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بولارمۇ» دېدى مەمەتيۈسۈپ نۇرئەخمەت يىسلامنى ئىزدەپ.

«چاتاق يوق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىلا بېيىساق بېيىغان ھېسابلانمايمىز، پۈتۈن كەنت بويىچە بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلساقلا ھەقىقىي بېيىغان بولىمىز» نۇرئەخمەت مەمەتيۈسۈپكە ئوچۇق - يورۇق ھالدا ماقۇل بولدى.

ساغلاملىق كىنىشكىسى بېجىرىش، ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى كېڭىشىش، ئەمگەك توختامى تۈزۈش...كەنتتىكى تۆت نامرات ئەمگەك كۈچىنىڭ نۇرئەخمەتنىڭ قوي گۆشى شورپىخانىسىدا ئىشلىشى ئۈچۈن، مەمەتيۈسۈپ نەچچە كۈن ئالدىراش يۈردى. بۇ تۆت ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 1800 يۈەن مائاش ئالىدىغان بولدى، 2019 - يىلى ئۇلار قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

ھاسار كەنتى بىلەن بازارنىڭ ئارىلىقى 1.5 كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، كەنتتىكى نۇرغۇن كىشى مۇجى بازىرىنىڭ بازىرىدا ئۇششاق تىجارەت قىلىشنى تاللىدى. مەمەتيۈسۈپ كەنت كادىرلىرى بىلەن بازاردىن پايدىلىنىپ بېيىتىش خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنى كونا ھۈنىرىنى قايتا قولىغا ئېلىپ، تىجارەت مەيدانىغا قايتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«خەيرىنسا، سىز سوقماق ياسىيالايتتىڭىزغۇ؟ ئازراق ياساپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ باقمامسىز.» 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ بىر كۈنى، مەمەتيۈسۈپ كەنت ئاھالىسى خەيرىنسا ئىسمايىلنى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، خەيرىنسانىڭ سوقماق ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ئېچىلدى، تۇنجى قېتىم بازاردا سوقماق سېتىپ، ئۇ 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

خىزمەتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇجى بازىرىنىڭ بازىرىدا ئارقا - ئارقىدىن ھاسار كەنتىنىڭ «داڭلىق ماركىلىق دۇكان»لىرى بارلىققا كەلدى: قوي گۆشى شورپىسى، ئۆپكە - ھېسىپ، ھاراق - تاماكا دۇكىنى، ئاياغ دۇكىنى، توكسىكلىت دۇكىنى ... سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئامالى بولمىغان كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۆزىگە تەۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى تاپتى.

«توشقان باققاندا سۇنى بەك كۆپ بېرىشكە بولمايدۇ، توشقان كاتىكىنى ئامال بار تىنچراق جايغا سېلىش كېرەك...» توشقان بېقىش تىلغا ئېلىنسا، مەمەتيۈسۈپ بۇنىڭ كەسىپ ئەھلى، بۇ ھاسار كەنتى يولغا قويغان خاس باقمىچىلىق تۈرىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

2019 - يىلى، ھاسار كەنتىدە توشقان باقمىچىلىق كەسپى 120 نامرات ئائىلىنى قاپلىدى. ئەينى چاغدا، دېھقانلار مامۇقتەك يۇمشاق، ئەتلىك توشقانلارنى كۆرۈپ قانداق بېقىشنى بىلەلمەي قالغانىدى. بۇ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ھەقىقىي تۈردە خەلقنى بېيىتىش تۈرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەمەتيۈسۈپ توردىن نۇرغۇن توشقان بېقىش ماتېرىيالى توپلاپ، دائىم يېرىم كېچىگىچە ئۆگەندى. ئۇ يەنە مەخسۇس تېخنىكلاردىن توشقان بېقىش تېخنىكىسىدىن مەسلىھەت سوراپ، بوش ۋاقتى بولسىلا توشقان باقىدىغان نامرات ئائىلىلەرگە بېرىپ كۆردى.

«توشقان ئاغرىپ قالسا، مەمەتيۈسۈپ شۇجى ئۆزىنىڭ بالىسى ئاغرىپ قالغاندىنمۇ بەكرەك تىت - تىت بولىدۇ» دېدى نامرات ئاھالە مەمتىمىن ئىدرىس.

مەمەتيۈسۈپنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2019 - يىلى، ھاسار كەنتىنىڭ توشقان باقمىچىلىق كەسپىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، توشقان باققان ئائىلىلەر ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2000 يۈەن ئاشۇردى. ھاسار كەنتىمۇ شۇ يىلى پۈتۈن كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9454 يۈەنگە كۆپەيدى، كەنت كوللېكتىپ كىرىمىمۇ 130 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

«ئاساسىي قاتلام كەنت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە يۇرتداشلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىشنى خالايمەن» دېدى مەمەتيۈسۈپ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4