يېڭى مۇساپىگە قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خاتۇ ئالتۇن كېنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دىرېكتور دۇەن ۋېيدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. دۆلەت كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ باشقۇرۇش سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە - كۈچ قوشىمەن.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزدەك پۇقراۋى كارخانىلارغا ئىلھام بەردى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىمىزنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.» يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى چېن چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىنىڭ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ يانەن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيمىز. مەن ھەسسىلەپ تىرىشىپ، كەلگۈسىدە بىر مۇنەۋۋەر دوختۇر بولۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەردە، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ نەرىنكېر يېزىسى ئۆلزەت كەنتىدىكى بايېر قاتارلىق تۆت كەنت ئاھالىسى نامرات ئائىلە سا بېنبەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىرلىكتە جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ تېلېۋىزوردىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردى. بايېر ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، ھازىر كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ قالدى، «ھازىرقى ياخشى كۈنلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە جان تىكىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق كەلگەن. مەن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ ئاتلىنىمەن».

دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى شەھەر رايونى توك بىلەن تەمىنلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لېي يەنشياڭ مۇنداق دېدى: «زامانىمىز ياشلىرى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى جان - دىل بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك».

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يىغىننىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ئۇ تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(مۇخبىر لى لى، قاتناشقان مۇخبىرلار شى شىن، ۋېي خۇڭپىڭ، ۋاڭ يۈجاۋ، سۇڭ ۋېيگو، بورتالا ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ يۇڭ، شى يىڭيىڭ، ۋاڭ جېن، نيۇ دېلۇڭ)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4