«قەلبتىكى تۆت پەسىل − گۈزەل جۇڭگو» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي»تېمىسىدىكى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى يېتەكچىلىك قىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «قەلبتىكى تۆت پەسىل − گۈزەل جۇڭگو» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر لى چۈن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ھەيۋەتلىك، كۆركەم بولۇپ، ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىلەن گىرەلىشىپ چاقناپ، نامى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تارقالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى جەھەتتە ئارقا - ئارقىدىن يېڭى رېكورت ياراتتى، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىن كۆڭلىدىن «شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن» دەپ تەرىپلەشتى. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ زور تەرەققىياتى، تېز تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە «قىزىتىپ»، تىرىشىپ ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتور ۋە ئەڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

لى چۈن مۇنداق دېدى: «ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىر يىلدىكى ئەڭ ياخشى مەنزىرە مېۋىلەر مەي باغلىغان كۈز مەزگىلىدۇر»، ھازىر شىنجاڭدا ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل پەسىل، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش دەل شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تەدبىر. ھەرقايسى كارخانا، جەمئىيەت، ساياھەت سودىگەرلىرى ھەم ئالاقىدار سۇپىلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىمۇ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر ئالاقىدار تەدبىرلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسپى سۈپىتىدە يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

پائالىيەت داۋامىدا، شىنجاڭ «دۇنيادىكى گۈزەل مەنزىرىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا» مەدەنىيەت - ساياھەت ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇردى؛ جۇڭگو ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تايانچ ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى قوشماقلىشىپ كېلىشىم ئىمزالاشقا تەشكىللەپ، «مىڭ ئۆمەكنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى − 2020 پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۈز ۋە قىشتا شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش ھەرىكىتى»نى باشلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئون داڭلىق ساياھەت كارخانىسى ۋە ئاپپاراتى بىلەن بىرلىشىپ، «شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇپىسى»نى قۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى نەق مەيداندا 2020 - 2021 جۇڭگونىڭ قار پەسلىدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى قار تېيىلىش تەكلىپنامىسى ھەم ساياھەت سۈرەتچىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى؛ خۇاچياۋچېڭ ساياھەت سېلىنما باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى B پونكىت، كۇەيشوۋ قاتارلىق سۇپىلار بىلەن بىرلىشىپ «جۇڭگو ساياھەتچىلىكىنى توردا كېڭەيتىش ئىتتىپاقى»نى تەشەببۇس قىلىپ قۇردى ھەم ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭ ئىچىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ نەق مەيداندا 2020 «جۇڭگو يولى» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى ئون چوڭ ئېسىل لىنىيە قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى.

ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى شىنمىڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان