بىڭتۇەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى كۈيىنى ياڭراتتى

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (9)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەرگىز ۋاقىتلىق تەدبىر بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان. يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۇەن خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

شىنجاڭدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان بىڭتۇەننى تەشكىللەپ قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. يېڭى مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۇەندىن چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى چوڭ پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئىقتىدارى»نى ياخشى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى. بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭدىن باشلاپ يېڭى دەۋرگە كىردى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، بىڭتۇەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى تاۋلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى.

مەن ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن

بىڭتۇەن 10 - شىسى 185 - تۇەنىگە جايلاشقان چېگرا دەريا ياقىسىدا، بىر قاراۋۇلخانا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بىڭتۇەن ئىشچى - خىزمەتچىسى ما جۈنۋۇ بۇ يەرنى 32 يىل چارلاپ قوغدىدى. نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ چىڭ ساقلاش، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى نامايان قىلدى!

ما جۈنۋۇ بىڭتۇەن خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى ئىككى قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ بىڭتۇەنلىكلەرگە ۋاكالىتەن باش شۇجىغا مۇنداق دوكلات قىلدى: بىر ئۆمۈر پەقەت بىر ئىشنى قىلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن!

شىنجاڭنىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ساقلاۋاتقان بىڭتۇەنلىكلەر ۋەتەننىڭ تىنچلىقىنى قەتئىي چىڭ ساقلىماقتا ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن قوغدىماقتا. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق بىرلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بەرپا قىلدى.

بىڭتۇەن قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھەربىر بىڭتۇەنلىكنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۇەنگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت. بىڭتۇەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت مەنپەئىتى بىڭتۇەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى بىڭتۇەننىڭ چوڭ ۋەزىيىتى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق مۇھىم رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇردى.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، زوراۋانلىق - تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت دائىرىسىدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى مۇقەررەر يول.

ئۇزاقتىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى كېڭىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدا قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما ئالاقىلىشىدىغان، ئالماشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلىندى.

بىڭتۇەن ئىشچى - خىزمەتچىسى يوۋ لياڭيىڭنىڭ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، گۇما ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئىنىسى مەمەتتۇرۇپ مۇساققا ياردەم بېرىپ، ئاچا - ئىنى قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلغانلىقى قىزىق پاراڭغا ئايلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارقا - ئارقىدىن ليەنگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئىللىق قول ئېلىشتى... سىجىل قانات يايدۇرۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى بىڭتۇەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تېرىلدى.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تۇەن - مەيدانلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن بىڭتۇەننىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تۇەن - مەيدانلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ياخشى ئىشلىتىپ، تۈرلۈك بايلىقنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، تۈرلەرگە تايىنىپ تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈردى، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى.

خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتى بەرپا قىلىندى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

«ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش» باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، بىڭتۇەن ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلەك يول»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ يىراق بىر ئائىلە كىشىلىرى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتىكى بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ليەن (كەنت)لەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەت، ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى تەدرىجىي ھۇجۇم قىلىپ ئالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىڭتۇەن، شى، تۇەن ئۈچ دەرىجىلىكتىن جەمئىي 10 مىڭدىن كۆپ كىشى ئاجرىتىلىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ليەن (كەنت)لەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى تەشكىللىنىپ، نامرات ليەن (كەنت)لەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

2017 - يىلىدىن بۇيان، بىڭتۇەن «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ، نامرات تۇەن - مەيدانلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى تولۇق، كۈچلۈك سەپلىدى، نامرات ليەن - دۈيلەرنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، نامرات ليەن (كەنت)لەرنى 1 - شۇجىنى تاللاپ ئەۋەتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ليەن (كەنت) پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشتىكى ئاۋانگارتلارغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، بىڭتۇەندىكى نامرات تۇەن - مەيدانلارنىڭ ھەممىسى قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامرات ليەندۈيلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىندى، نامرات نوپۇسلارنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەندە 161 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 77 نامرات تۇەن - مەيدان قالپىقىنى ئېلىۋەتتى.

بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە مەردانە قەدەم تاشلاش ئىرادىسى، ئىشەنچىسىگە ئىگە قىلدى.

ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىش

يېقىندا ئېچىلغان بىڭتۇەن 7 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى: يۇقۇم قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈگىتىلىپ، بىڭتۇەن ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىڭتۇەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئاشتى، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندىكى بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، تەرەققىيات شەكلى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى.

بىڭتۇەنلىكلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

تېرىلغۇ مەزگىلىدە، بىڭتۇەن 8 - شىسىنىڭ 149 - تۇەنىدىكى سالا ئېتىزلاردا، بىڭتۇەن ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان 146 ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان سېيالكا بېيدوۋ يول باشلاش ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇق سېلىۋاتاتتى. ئىشچى - خىزمەتچىلەر تىراكتورنى بىمالال ھەيدەپ، يوپۇق يېپىش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش، ئۇرۇق سېلىش مەشغۇلاتىنى بىر قېتىمدىلا تاماملىدى، 1000 مېتىرلىق ئۇرۇق سېلىش قۇرىدىكى تىك سىزىقلىق خاتالىق پەرقى ئۈچ سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمىدى.

بىڭتۇەن 1 - شىسىنىڭ ئارالدىكى كېۋەزلىكىدە، بىڭتۇەننىڭ بىر يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى شىركىتىدىكى 90 - يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت چېن پېڭيۈ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراۋاتاتتى...

يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بىڭتۇەن باشلامچىلىق بىلەن زامانىۋىلاشقان، ماشىنىلاشقان، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىڭتۇەننىڭ ھەيۋەتلىك ئىسلاھات يۆگمە رەسىمى ئېچىلماقتا.

مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بىڭتۇەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن تۈزۈلمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بەرمەكتە.

ئاساسىي قاتلامدا، تۇەن - مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھۆددىگە ئالغان يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىلىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئاكتىپلىقى قوزغىتىلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىندى.

دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

بۈگۈنكى بىڭتۇەنگە نەزەر سالساق، ئۇنىۋېرسال مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلاردا چەكسىز ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى.

− بىڭتۇەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، مەبلەغ سېلىش، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلغان كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

− بىڭتۇەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، خەلق بەختلىك بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

2019 - يىلى، بىڭتۇەن ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 274 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، 2014 - يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېشىشى 100 مىليارد يۈەندىن ھالقىدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى، ئېقىنتال دەرياسى شەھىرى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بىڭتۇەن باشقۇرىدىغان ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ئونغا يەتتى...

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئامما بىڭتۇەن روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى ۋە توغراق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4