پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلدى

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (8)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ

تومۇز كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچىدە، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كىشىلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى يەنە بىر قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئەسلىدە مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپقا تاراپ ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلدە، شىنجاڭ كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى.

ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا، خەتەرلىك پەيتتە، پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلىپ، قىزىل قەلبلەرنى يورۇتتى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى جاپادا ئالدىدا بولۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەھكەم قورغان قۇرۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشتى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭگۈشتەر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتە».

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك ئىرادە ۋە چىدامچانلىق بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. پارتىيە بايرىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئېگىز جەۋلان قىلدى!

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلاش

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيە بايرىقى، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچ...» 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىلمىي دوكلات بېرىش زالىدا، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جۈنئەن ۋىلايەتلىك تەشكىلات سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا بىر قېتىملىق پارتىيە دەرسى ئۆتتى، كۆپچىلىك كۆپ نەپكە ئېرىشتى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆگىنىش مەنزىرىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشىنى، چىڭ تۇتۇشىشىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى.

ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇردى، بۇرچنى يېتەكلىدى.

− شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى دائىملىق ئۆگىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، پەرقلەرنى توغرىلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەتتى؛

− يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، ئىككى تۈركۈمگە ئايرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى، 1 مىليون 612 مىڭ پارتىيە ئەزاسى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبىگە ئويۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تېخىمۇ تولۇقلىدى.

− «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرى، ئېتىز - ئېرىق باشلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سەپلىرىدە، ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئاڭلاپ بىلەلەيدىغان سۆزلەر بىلەن نەزەرىيە چوڭ لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.

سىجىل ئۆگىنىش داۋامىدا سىياسىي كۈچ، ئىدىيەۋى كۈچ، ئەمەلىي كۈچنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

ئۇلنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى نىشانلاش ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش

9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى باشلاقبىنام كەنتىدىكى سافا زاۋۇتىدا، كەنت ئاھالىسى رۇقىيە ئوسمان سافانى ئەڭ ئاخىرقى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«بۇ بىرقانچە يىلدا، كەنتىمىزدە ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى چوڭ بولدى، يوللار ياسىلىپ تۇتاشتۇرۇلدى، مۇھىت گۈزەللەشتۈرۈلدى، سافا زاۋۇتى، بورا توقۇش زاۋۇتى قاتارلىقلار قۇرۇلدى، بىز قىلىدىغانغا ئىش چىقتى، پۇل تاپالايدىغان بولدۇق. بۇلتۇر پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى گۈزەللەشتى.» رۇقىيە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ياخشى كۈنلەر كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ بىللە ئىشلىشى بىلەن يارىتىلدى».

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلاقبىنام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنى «كۈچلەندۈردى». كەنت پارتىيە ياچېيكىسى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىچىك كەنتتە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

دەرەخنى ئېگىز ئۆسسۇن دېسەك، يىلتىزىنى چوقۇم مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. مۇشۇ يىللاردا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى پۇختىلاشنى شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئۇلنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

− تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتتى، ئاساسنى مۇستەھكەملىدى. «ئون ئومۇميۈزلۈك» ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، «ئونغا كۈچەش» ئارقىلىق شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق بىر قاتار نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈزۈم، ھۆججەتلەرنى تۈزدى ھەم يولغا قويدى؛ پارتىيە تەشكىلاتىنى ھەربىر جەمئىيەت باشقۇرۇش ھۈجەيرىسىگىچە قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا، شەھەر، ئورگان، دۆلەت كارخانىسى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

− سەر خىل كۈچلەرنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈردى. كەنت(مەھەللە) «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلىدى، رايون، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئورگاندىن مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ، كەنت(مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتىدا 1 - شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە ئەۋەتىپ، كەنت (مەھەللە)نى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. بېيىش ماھىرى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، سودا قىلىپ يۇرتىغا قايتقان كىشىلەر، ئۆز يۇرتى ئۆز جايىدىكى داشۆنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىقنى بىلىدىغان، يېزىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان شۇجىلارنى يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشكە قويدى.

− «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئۇدا قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى تاللاپ ئەۋەتىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق كەنت(مەھەللە)لەردە تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كەڭ كادىرلار قىيىنچىلىقتىن قورقماي، چىن ھېسسىياتى ۋە قايناق ھېسسىياتى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى بىلەن قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى بىر - بىرلەپ يەڭدى: خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن 69 مىڭنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ سان - ساناقسىز ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، ئامما ئۈچۈن سان - ساناقسىز ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى؛

...

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىدىغان، ئاساسنى پۇختىلايدىغان ھەربىر كۈچلۈك تەدبىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى مۇستەھكەملىدى، پارتىيە بايرىقى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدى.

روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇش كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئىختىساسلىقلارنى تاللاش مۇھىم. «سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى يۇقىرى، ئىستىلى دۇرۇس يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن، ئىدىيە جەھەتتىن، ئىستىل جەھەتتىن، ئىقتىدار جەھەتتىن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

− سىياسىي ئۆلچەم بويىچە ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشنى گەۋدىلەندۈردى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپى ۋە جاپالىق رايونلاردا كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەردى. ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بىر تۈركۈم كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئورۇنغا قويدى.

− ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللىدى، كۈچلۈكلەرنى سەپلىدى. ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ باش مەسئۇلىلىق ۋەزىپىسىدىكىلەرگە ئەلالىرىنى تاللاش، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياش قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، مەنبە قۇرۇلمىسى، كەچۈرمىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ، يېتىشتۈرۈپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ئايال كادىرلارنى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى مۇۋاپىق سەپلەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

− گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتا ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلىدى. تۈرلۈك رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە بېرىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، يېتەكلىدى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلغان مەمۇرلار ئىچىدە، ناھىيە، شەھەر، رايون، يېزا - بازار ئورگانلىرىغا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ نىسبىتى %80تىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاشتىكى «ئۆلچىگۈچ»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئىشلىگەنلەرگە ئىلھام، مەدەت بەردى؛ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆيۈنىدىغان تەدبىر - چارىلەرنى تۈزۈپ، ئىش قىلىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتى.

ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى كادىرلارنى يېتىشتۈرىدىغان، چېنىقتۇرىدىغان «مەشىق مەيدانى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى ئەمەلىيەتتە چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىشتا چىڭ تۇردى، تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار ئاساسىي قاتلامدا ئىرادىسىنى چېنىقتۇردى، ئامما خىزمىتى ئىشلەش ماھارىتىنى كۈچەيتتى، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلىدى.

«مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن ئوتتا تاۋلىنار.» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، پولاتتەك تاۋلىنىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى.

شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق، «دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغۇچە قايتمايدىغان» جان تىكىپ ئېلىشىش غەيرىتى بىلەن، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز!

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4