جىڭ ئالقىتى تەرەققىيات «ئۈچ مېلودىيە»سىنى ياڭراتتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۇڭ ياۋېن

ئالقات

كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، جىڭ ناھىيەسىدىكى 130 مىڭ مو ئالقاتزارلىقتا خۇشاللىقتىن دېرەك بېرىدىغان قىزىل رەڭ نامايان بولدى، ھەممىلا يەردە ئالقاتچى دېھقانلارنىڭ ئالدىراش سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

70 - يىللاردا تۇغۇلغان ئالقاتچى دېھقان خۇ جۈنلى ئائىلىسىنىڭ ئالقاتزارلىقىدا ئالدىراش ئالقات يىغىپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى؛ 80 - يىللاردا تۇغۇلغان جاڭ بىڭ ئالقات كەسپىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتاتتى؛ 90 - يىللاردا تۇغۇلغان جاڭ ۋېي بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق توردا جىڭ ئالقىتى سېتىۋاتاتتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جىڭنىڭ قۇرۇتۇلغان ئالقات يىللىق ھوسۇلى 15 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، يىللىق پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇلغان ھۆل ئالقات 32 مىڭ توننا بولۇپ، 260 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

«70 - يىللاردا تۇغۇلغان» دېھقان:

چۆللۈكتە «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» ئۆستۈردى

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرىدىكى بىر پارچە ئالقاتزارلىقتا، شاخلىرىغا پاتماي قالغان قىزىل ھېقىققا ئوخشاش ئالقاتلار كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ئالقاتچى دېھقان خۇ جۈنلى ئىشچىلارنى باشلاپ ئالقات يىغىۋاتاتتى، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. قۇم - توپا بېسىپ كەتكەن تاقىر يەر 10 مىڭ مولۇق تۇتاش كەتكەن ئالقات ئۆستۈرۈش بازىسىغا ئايلانغانىدى، بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن خۇ جۈنلى بۇنىڭ گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى.

خۇ جۈنلى مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان جىڭلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالقاتقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان. 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىلا ئاتا - بوۋىلىرى ئالقات ئۆستۈرۈشكە باشلىغان، دەسلەپتە ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىگە، ھويلىسىدا ئۆستۈرۈپ، بارا - بارا ئون نەچچە مو كۆلەمگە كېڭەيتكەن. 2005 - يىلى، خۇ جۈنلى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چۆللۈكتە 600 مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئالقات ئۆستۈرۈشكە باشلىدى.

بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. «ھەممە يەر تاشلىق، ئالقات ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تاشلارنى تېرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ». يۈزى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن خۇ جۈنلى ھەر كۈنى ئېتىز - ئېرىق بېشىدىن كىرمەي ئىشلىدى، مانا مۇشۇنداق بىر يىل چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇردى. 2006 - يىلى ئەتىيازدا، خۇ جۈنلى ئائىلىسىنىڭ 600 مو يەردىكى ئالقات مايسىسىنىڭ %90ى ئەي بولدى، ئالقاتمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش گۆھىرىگە ئايلاندى.

كىچىككىنە ئالقات جىڭ ناھىيەسىگە غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، ئىلگىرىكى قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئالقاتچى دېھقانلارنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»ىگە ئايلىنىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى «تەڭ ئىشقا ئاشۇردى».

«80 - يىللاردا تۇغۇلغان» دېھقان:

ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى

جىڭ ناھىيەسى جىرۇي بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پىششىقلاش سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، قويۇلدۇرۇلغان خالتا - خالتا ئالقات شەربىتى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، سېخنى ئالقاتنىڭ خۇش ھىدى قاپلىغانىدى. ھۆل ئالقات بۇ يەردە يۇيۇش، بوتقىلاش، سۈزۈش قاتارلىق بىرنەچچە ئىش تەرتىپىدىن كېيىن خالتىلارغا قاچىلىنىپ، ئاندىن تور ياكى تور سىرتىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلاتتى.

«ئالقات كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزى.» 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جىڭ ناھىيەلىك ئالقات كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جاۋ يۈلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئالقات كەسپىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ناھىيە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئالقات ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى».

80 - يىللاردا تۇغۇلغان جاڭ بىڭ نەزەرىنى ئالقاتنى ئىنچىكە پىششىقلاشقا قاراتتى.

2019 - يىلى، جاڭ بىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە جىڭ ناھىيەسى جىرۇي بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئالقات يۇيۇش، يانجىش، قالدۇق ئىسسىقلىق ئارقىلىق باكتېرىيە يوقىتىش، باك ئارقىلىق باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ھەم تولۇق ئاپتوماتىك ئوراش - قاچىلاش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى. «ئىلگىرى بىر كىلوگىرام قۇرۇتۇلغان ئالقاتنى پەقەت 40 نەچچە يۈەنگىلا ساتقىلى بولاتتى، ھازىر بىر خالتا 30 مىللىلىتىرلىق قويۇلدۇرۇلغان ئالقات شەربىتىنى 11 يۈەنگە ساتىمىز، قارا ئالقاتتىن ئىنچىكە ئېچىتىلغان بىر لىتىر پىۋىنى 28 يۈەنگە ساتىمىز، زاكاز ناھايىتى كۆپ، ئىستېمالچىلار ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ، مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىن غەم قىلمايمىز» دېدى جاڭ بىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، جىڭ ئالقىتى يېڭى «قىممەت»كە ئىگە بولدى. مەھسۇلاتلىرى قۇرۇتۇلغان ئالقاتتىن قويۇلدۇرۇلغان ئالقات شەربىتى، ئالقات پىۋىسى، ئالقات ئىچىملىكى، ئالقات كاپسۇلى قاتارلىق 14 خىل مەھسۇلاتقا كۆپەيتىلدى ھەم 23 سۈپەتلىك ماركا يارىتىلدى. نۆۋەتتە، جىڭ ناھىيەسىدە جەمئىي ئالقاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىدىن 13ى، ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 25ى، قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 300 نەچچىسى بار.

«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» دېھقان:

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىش بىلەن ئالدىراش بولدى

«كۆپچىلىكنىڭ بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيۈمگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن، بۈگۈنكى ياخشى مەھسۇلات تەۋسىيەسى جىڭنىڭ ئالقات ھەسىلى بولۇپ، ناھايىتى ياخشى كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە... » 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسى جىخۇيخاۋ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، شىركەت مەسئۇلى جاڭ ۋېي تور رىياسەتچىسى بولۇپ، تورداشلارغا ئالقات ھەسىلىنى تەۋسىيە قىلدى. ئىككى سائەتلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە 20دىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلىنىپ، سېتىش سوممىسى 3000 يۈەندىن ئاشتى.

«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» جاڭ ۋېي داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئالقات سېتىشنى قارار قىلغانىدى، ئۇ ئەينى چاغدىكى قارارىدىن ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدى. «تۆت ئايدىن بۇيان، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سوممىسى 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى، ساتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى يۇرتىمىزنىڭ ئالقىتى، يۇرتداشلارنىڭ پۇل ئالغان چاغدىكى تەبەسسۇمىغا قاراپ، مەن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلدى. بۇ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، جاڭ ۋېي ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشتى ھەم ئۆسۈمسىز قەرز پۇل، ھەم ھەقسىز سۇ، توك، تور ۋە ئىش ئۈستىلى، ئورۇندۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولدى.

«بۇ يىل 4 - ئايدا، ناھىيە شۇ جايدىكى توردا ئالقىشلانغانلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى كوللېكتىپلىرىنى جىڭدىكى توردا ئالقىشلانغانلارنى تەربىيەلەپ يېتەكلەشكە مەخسۇس تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى توردا ئالقىشلانغانلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى» دېدى جىڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما شۇجۈن تونۇشتۇرۇپ.

نۆۋەتتە، جىڭ ناھىيەسىدە توردا سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىدىن 60ى، تور دۇكىنىدىن 2323ى بار، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، توردا پارچە سېتىش سوممىسى 80 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا 120 مىليون يۈەنلىك توردا پارچە سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئالقات تېرىلغۇ كۆلىمى 318 مىڭ 700 مو بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 27 مىڭ 400 توننىغا يەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالقات مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قىسمى دۆلەت ئىچىدە سېتىلغاندىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىپ، خەلقئارا بازاردا بەلگىلىك ئورۇن ئىگىلىدى، كىرىم يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4