شىنجاڭ ساياھەت كارخانىلىرى كاپىتال بازىرى دەرۋازىسىنى ئاچتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز رېن جياڭ، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پېيىنى بازارغا سېلىشى شىنجاڭ ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي بۆلەكتە پېيىنى بازارغا سېلىشى نۆل بولۇشتەك ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ساياھەت بايلىقى بىلەن كاپىتالنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىسى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى» دېدى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىن.

شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسى ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىدە پېيىنى بازارغا سالدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشتا سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش، دومىلىما شەكىلدە ئېچىشنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلاپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن سۆزنى تېخىمۇ جاراڭلىق ياڭراتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پېيىمىزنى بازارغا سالالىشىمىز شىنجاڭدا مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن بولدى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا ساياھەتچىلىكنىڭ ئورنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ بېكىتىلىپ، <ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش> ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلغانلىقى بىزنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە تېخىمۇ رىغبەتلەندۈردى.» شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتنىڭ باش دىرېكتورى لى شىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پاينى بازارغا سېلىپ توپلىغان مەبلەغنى ئاساسلىقى بوغدا كۆلى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى، مەنزىرە رايونى دېڭگەنشەن ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت تۈرى، مەنزىرە رايونى ئارىلىق ئاپتوموبىللىرىنى ئۆزگەرتىش تۈرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، شىركەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

نۆۋەتتە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مەنزىرە رايونىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، مەنزىرە رايونىنى مەمۇرىي باشقۇرۇشقا مەسئۇل؛ ئاشكارا خېرىدار بولۇش شەكلى ئارقىلىق، شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى قانۇنلۇق تەرتىپ ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىغا ھەقلىق ئېرىشىپ، «مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئايرىلغان، باشقۇرۇلۇشى ئىلمىي» بولغان زامانىۋى كارخانا ئىدارە قىلىش يولىغا ماڭدى. خوۋ خەنمىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى ۋە دۇنيا مىراسلىرى مەنزىرە رايونلىرى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»ى، مۈلۈكنى قايتا تەشكىللىشى، پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشى ۋە پېيىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.

ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى شياۋ خۇ مۇنداق قارىدى: شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى كارخانىنىڭ سۈپەتلىك ماركا قىممىتى ۋە بازار تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇرسىتى ۋە سىجىل تەرەققىيات كاپىتالىغا ئېرىشتۈرىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ ساياھەت كارخانىلىرىنى كاپىتال بازىرىغا قەدەم قويۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ساياھەت قىزىق نۇقتا رايونلىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەممىسى ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى قۇرۇپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ كىرىشىگە ئاساس سالدى. پېيىنى بازارغا سېلىش يېتەكچىلىك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ قاناس ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دەي ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ئاساسلىق تىجارەت كەسپىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، مۈلۈك قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى ۋە پايدىنىڭ ئېشىشىنى چۆرىدەپ سىجىل كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.» بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ساياھەت كارخانىلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ كاپىتال بازىرىغا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4