شىنجاڭدىكى 41 جاي پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللاندى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتى، بىڭتۇەن 12 - شىسى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى 3 - ليەنى قاتارلىق شىنجاڭدىكى 41 جاي مەملىكەت بويىچە 2 - تۈركۈمدىكى يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللانغان. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنتتىن 56سى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

«13 - بەش يىل» دىن بۇيان، شىنجاڭ يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قېزىپ چىقىپ، تەبىئەت ۋە شۇ جاينىڭ ئادىمىيەت ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خاسلاشتۇرۇلغان، پەرقلىق، كۆپ خىللاشقان يېزا - كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئېچىپ، تەبىئىي مەنزىرە، گۈزەل يېزا - كەنت، خاس يېمەك - ئىچمەك، ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ خاسلىقىغا ئىگە بىر تۈركۈم يېزا - كەنت ساياھەت نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلدى ۋە قۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانا مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى ۋە ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ، ئىستىراھەت مېۋە ئۈزۈش بېغى، يېزا ئىگىلىكى ئېكسكۇرسىيە ساياھىتى، يېزا - كەنت ئىستىراھەت باش تېمىسىدىكى شادلىق باغچىسى، يېزا - كەنت ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق كەسىپ ھالىتىنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولدى. ئەتراپتىكى نامرات ئائىلىلەرنى مەنزىرە رايونىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت ئىش ئورنى، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، مىللىي ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ قوبۇل قىلدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4