رەقەملىك ئىقتىساد شىنجاڭ سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېتەكلىمەكتە

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز ليۇ شياڭ، شى شىن، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزىدە، تېخنىك خادىملار ئاپپارات ئۆيىدىكى قاتتىق دېتال ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى)

قولايلىق دۇكانلاردا، چىراينى تونۇتۇپلا پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ؛ زاۋۇت سېخلىرىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىرىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بارماقتا... بۇلارنىڭ كەينىگە، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئىزنالىرى ئېنىق بېسىلغان.

بۈگۈنكى كۈندە، رەقەملىك ئىقتىساد شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. رەقەملىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش شىنجاڭ زېمىنىدا جانلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا.

رەقەم ئېنېرگىيە بېغىشلاپ، «قارا پەن - تېخنىكا»نى يورۇتتى

پەقەت كىشىلەر توپى ئارىسىدا سىزگە «قاراپ»لا قويسا، بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى خاتىرىلىۋالىدۇ. شىنجاڭ ئەيخۇا يىڭتۇڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان AI تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ئالدىدا تۇرسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى سانى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شەخس تەسۋىرىنىڭ پېشانىسىدە كۆرۈنىدۇ.

«بۇ، شىركىتىمىز يۇقۇم مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى، چىراي پەرقلەندۈرۈش + ئەقلىي ئىقتىدارلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش + چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىنى ئاساس قىلغان ئۇچراشماس شەكىلدىكى پۈتۈن گەۋدە بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى بولۇپ، كۆپ ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئالاھىدە يىراق ئارىلىقتىن دەل، توغرا ئۆلچەشنى قوللايدۇ، ئادەم ئېقىمى كۆپ جايلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، تېمپېراتۇرىنى تېز ئۆلچەپ، ئالدىن سىگنال بېرەلەيدۇ ھەم نورمالسىز سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرىغا يوللاپ ئىستاتىستىكا قىلالايدۇ» دېدى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جېڭ لىن.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، تېزلا بازار تاپتى. 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ ئەيخۇا يىڭتۇڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى 1000 دانىلىق زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە ماسكا نۇسخىسىدىكى AI تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچنى تەتقىق قىلىپ ياسىدۇق، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەشنىڭ توغرىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سىجىل تۈردە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى AI كۈچى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى جېڭ لىن.

AI+ تېمپېراتۇرا ئۆلچەش پەقەت شىنجاڭ ئەيخۇا يىڭتۇڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆز رەقەملىك ئىقتىسادنى يېتىلدۈرۈشى، زورايتىشىدىكى بىر كېسىش ئېغىزى. AIنى كەسىپتە ئەمەلىي قوللىنىشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چۆرىدەپ، نۆۋەتتە بۇ شىركەت AI ھېسابلاش ئۇسۇلى، AI قاتتىق دېتالى، AI مۇھىتىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق مەھسۇلات لىنىيەسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، ئاقىل مائارىپ، ئاقىل جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئاقىل سودا قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە ئەمەلىي قوللاندى.

AIنى ئەمەلىي قوللىنىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، 100 ساھەدىكى 10 مىڭ كارخانىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى تېخنىكا يېڭىلاشقا بىلىندۈرمەي تۈرتكە بولۇش «رەقەملىشىش»نىڭ سېھرىي كۈچى.

دەۋر دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ كەلمەكتە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق بىر قاتار رەقەملىك پەن - تېخنىكىلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 2013 - يىلىدىكى 105 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 345 مىليارد يۈەنگە كۆپەيگەن بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %37.8 ئاشقان؛ GDPدا ئىگىلىگەن سالمىقى %12.7تىن %24.7كە ئاشقان. شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شۇ مەزگىلدىكى GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان.

يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكە بولۇپ، قېرى دەرەخنى يېڭىدىن شاخلاتتى

«ئېغىر ئۇيقۇ»دىكى سانلىق مەلۇماتلار «ئويغىتىلدى»، ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى زاۋۇت، سېخلار «ئەقىللىق» بولۇپ كەتتى.

قىزغىنلىق پەلەككە يەتكەن ئەمگەك مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولدى، بازغان ئۇرۇلۇۋاتقان، كەپشەرلەۋاتقان ۋاراڭ - چۇرۇڭلۇق مەشغۇلات شاۋقۇنلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان بولدى، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر قۇتۇپى ياپراقچىسى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، پاكىز، رەتلىك مۇھىت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

شۇنچە چوڭ سېختا، ئىشچىلارنى كۆرگىلى بولمايتتى، پەقەت تومۇزغا قانىتىدەك نېپىزلىقتىكى ئېرىتىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن يۆگەم - يۆگەم ياپراقچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئاستا - ئاستا چىقىۋاتقانلىقىنىلا كۆرگىلى بولاتتى. ئارقىدىنلا، AGV ماشىنا ئادەم ئاپتوموبىلى دەرھال ئورنىغا كېلىپ، ياپراقچە يۆگەملىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكىدى، ئۈسكۈنىلەر نۇقسانسىز ماسلىشىپ ئىشلەۋاتاتتى.

كونترول ئۆيىدە، مەشغۇلاتچى كومپيۇتېر ئالدىدا ئېكراندىكى ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى، بەزى - بەزىدە كۇنۇپكا تاختىسىنى چېكىپ، كونترول قىلىۋاتاتتى.

«پەقەت خام ماتېرىيالنى ئۈسكۈنىگە سېلىپ، تېمپېراتۇرا، ۋاقىت قاتارلىق سانلىق قىممەتلەرنى ياخشى تەڭشەپ قويسىلا، مەھسۇلات ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.» شىنجاڭ جۇڭخې مۇدىرىيىتىنىڭ كاتىپى ليۇ جيەنخاۋ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بۇنداق قولايلىق ئەمەس ئىدى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىر قاتار ھالقىلارنى كونترول قىلىشتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك شەخسىي تەجرىبىگە تايىناتتۇق، بىرنەچچە يىل ئىشلىمىسەك، مەشغۇلاتتا پىشىپ يېتىلگىلى بولمايتتى».

چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتلارنىڭ رەقەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشى ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچىگە تايىنىدىغان ئەمگەك كۆجۈملىشىش تىپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى تامامەن ئۆزگەرتتى، ھەمدە مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، سۈپەت ھادىسىسى يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. «رەقەملىشىش» شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ جۇڭخې جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى ماتېرىيال كەسپىدىكى يادرولۇق تايانچ كارخانىغا ئايلاندى.

نۆۋەتتە شىنجاڭدا رەقەملىك ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە كېڭەيمەكتە، سانائەت ئالاقە تورى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىلىرى، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشماقتا.

جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى شامال ئېلېكتىرى ئاقىل تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىر قاتار ئۇچۇرلاشقان سۇپىلارنى ئېچىپ ئەمەلىي قوللىنىپ، شامال ئېلېكتىرى مەيدانلىرىنىڭ تىجارەت سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، يوللاپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىش، كاشىلىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، مۇتەخەسسىسلەر قوللاش، بىلىمدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئاقىل يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مۇلازىمىتى تىرەك سۇپىسىنى شەكىللەندۈردى؛ ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سانلىق مەلۇمات مەركىزى، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەلىرىنى چۆرىدەپ، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان» قاتارلىق رەقەملەشكەن، ئۇچۇرلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل قانات يايدۇردى.

رەقەملەشكەن كەسىپنىڭ ئۇرۇقى شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىدا بىخ سۈرۈپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە چوڭقۇر ئېنېرگىيە بېرىپ، بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ تولۇق سۈپەتكە ئىگە قىلدى.

يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رەقەملىشىشنىڭ «ئىچكى كۈچ»ىنى ئاشۇردى

رەقەملىك ئىقتىساد بىر مەيدان يېڭى ئىقتىسادىي ئىنقىلاب. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئالاقە تورى پەن - تېخنىكىسىغا قۇچاق ئېچىپ، ھەم بىر تۈركۈم رەقەملىك ئىقتىساد كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ زورايتتى، ھەم رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئاقىل شەھەر، ئاقىل داۋالاش، ئاقىل قاتناش، ئاقىل ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى تېزلەتتى.

ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسالغان «شىڭيۈن» يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېرى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن، شىنجاڭ جۇڭكې شۇگۇاڭ بۇلۇت ھېسابلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پېي چۇڭ تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇنداق دېدى: «<شىڭيۈن> ھەر سېكۇنتلۇق سىستېما چوققا قىممىتى ئۈچ تىرلىيات قېتىمغا يېتىش، ھەر سېكۇنتىغا بىر تىرلىيات 271 تىرىليون قېتىملىق ئەمەلىي ئۆلچەش Linpack ئىقتىدارى بىلەن، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئەمەلىي ئۆلچەش ئىقتىدارى تىرلىيات قېتىمدىن ئاشىدىغان دۇنيادىكى ئۈچىنچى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرغا ئايلاندى.»

يېتەرلىك قابىلىيەت بولغاندىلا ئاندىن ئىشنى پۇختا قىلغىلى بولىدۇ. شۇگۇاڭ بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسىغا، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، جۇڭكې شۇگۇاڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاقىل شەھەر سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئاقىل شەھەر ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەمىنلەشتىكى مۇھىم قاتناشقۇچىغا ئايلاندى.

«شۇگۇاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۇلۇت سۇپىسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىشلىتىش، ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، <ئاقىل ئۈرۈمچى> بەرپا قىلىش ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى مۇجەسسەملەپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا ئاساس سالدى، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى» دېدى پېي چۇڭ.

بۇ يىل، جۇڭكې شۇگۇاڭ قۇرغان ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزى تۈرىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى باشلاندى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، 500دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئورنى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى سانلىق مەلۇمات ساقلاش، تەھلىل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بۇلۇت ھېسابلاش چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئىشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن ئالدى بىلەن جابدۇقنى ياخشىلاش كېرەك. شۇگۇاڭ بۇلۇت ھېسابلاش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇپ ئەمەلىي قوللىنىلىشى شىنجاڭنىڭ رەقەملىشىشنىڭ «ئىچكى كۈچ»ىنى ئاشۇرۇشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت. ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە سېلىشتۇرغاندا، رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى بولغان يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، ئۇزاق مۇددەت تەجرىبە توپلاش ۋە مەبلەغ سېلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ يىل، شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، 5G تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، رايون - بۆلەك زەنجىرى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، ۋاسىتىچى تەشكىلاتلار قاتارلىق رەقەملىك ئىقتىساد بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تور ئىقتىسادى، سۇپا ئىقتىسادى، ھەمبەھرە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4