ھال سوراش خېتى

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس خادىملار، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئارمىيەدىن قايتقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر:

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن سىلەرنىڭ بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلىدىغان خەلق ئارمىيەسى، يېڭى دەۋردە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك. 93 يىل جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ، بوران - چاپقۇنغا پەرۋا قىلمىدى، 93 يىل تىز پۈكمەي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇزاق مەزگىللىك ئىنقىلابىي كۈرەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەريانىدا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك قوراللىق كۈرەشتىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشقىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغىچە بولغان تارىخىي مۇساپىدە ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن تارىخ بېتىدە چاقناپ تۇرغان ئۇلۇغ تۆھپە ياراتتى!

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، ئۇرۇشتا غەلىبىلىك جەڭ قىلىش، ئىستىلى ئېسىل بولۇش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، ئۇرۇش تەييارلىقى، مانېۋىر، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاتارلىق كۆپ خىللاشقان ھەربىي ۋەزىپىلەرنى قالتىس ئورۇنداپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باتۇرلۇق بىلەن يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، جەڭگىۋار قوشۇنلۇق، زەربىدار ئەترەتلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئارمىيەدىن قايتقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىسلىتىنى ساقلاپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان سەپلەردە ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، «مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىلىك ھەربىي» ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي» قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىش، باھالاش پائالىيەتلىرىدە، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر بارلىققا كېلىپ، پارتىيەگە سادىق بولىدىغان، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالىيجاناب ھېسسىياتى ۋە قىممەتلىك پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ يەردە، سىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلماقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقتا. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ھەربىي - خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان، ھەربىيلىك كەسپىگە ھۆرمەت قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىمىز.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، ھەربىي - خەلق بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

يولداشلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال، تېنىنىڭ ساغلام، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان