ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 22- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى توغرىسىدا 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك، ئارمىيە قۇدرەت تاپقاندىلا دۆلەت ئامان - ئېسەن بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى، دۆلەتنى بېيىتىش ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئۇيغۇنلىشىشىغا، ھەربىي ئىقتىدارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش چېن رۇڭدى بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش قىلدى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىش نىشانى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيەمىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم، زور فاڭجېن، پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. بۇ يىل، بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز ھەم پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيەمىزنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي نەزەرىيە، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي ھالىتى، ھەربىي خادىملار، قورال - جابدۇقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ماشىنىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەلقئارا ۋەزىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق زورايدى. دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىنقىلابىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىزنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسكىن خىرىسقىمۇ دۇچ كەلدۇق. بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ماسلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، ئىلمىي يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش قىلىش خەرىتىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. يۆنىلىش ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، يولدىن ئېغىپ كەتمەسلىك، سالماقنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەڭگىۋار كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئارمىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى ۋە قورال - جابدۇق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ پەن - تېخنىكا تەركىبىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك. باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ساپانى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش زەنجىرسىمان يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىنقىلابىنى ماھىيەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىشلار سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە دۆلەت مۇداپىئە بايلىقىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زىممىسىگە ئالغان ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى، يەسلىگە كىرىشى، نەپىقە بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە غەم - ئەندىشىدىن پائال خالاس قىلىشى كېرەك. ئارمىيە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى ياخشى قىلىپ، بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان