بېيدوۋ 3- نومۇرلۇق يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش ھەم ئېچىش مۇراسىمى 7- ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ

شى جىنپىڭ قاتنىشىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش ھەم ئېچىش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ.

شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان