ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى توردا نورمال تولدۇرغىلى بولىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز 2020 - يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار كەينى - كەينىدىن ئارزۇ تولدۇرۇشقا باشلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئېزىز جېلىل مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ياكى ئاتا - ئانىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپلا، شىنجاڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، ئارزۇنى نورمال تولدۇرالايدۇ.

ئېزىز جېلىل مۇنداق تەۋسىيە قىلدى: ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئامال بار كومپيۇتېردا ئارزۇ تولدۇرۇشى كېرەك، ئەگەر يان تېلېفون ئارقىلىق تولدۇرماقچى بولسا، «ساقلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تولدۇرغان مەزمۇننى ساقلىۋالغاندىن كېيىن، چوقۇم ئالدى بىلەن «بىخەتەر چېكىنىپ چىقىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىشى، ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىدىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك، بۇنداق قىلمىسا خاتالىق ئەسكەرتمىسى چىقىۋالىدۇ، بۇ چاغدا يان تېلېفوننى ئۆچۈرۈپ 15 مىنۇتتىن كېيىن قايتا ئاچسا، ئاندىن سىستېمىغا كىرىپ يېڭىباشتىن مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ، بولمىسا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىنىڭ ۋاقىتچانلىقى ۋە توغرىلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئېزىز جېلىل كەڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەت - بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، بەدەن ئەھۋالى ھەمدە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە ئارزۇنى مۇۋاپىق تولدۇرۇشى كېرەك، ئارزۇ تولدۇرۇش جەريانىدا ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن كەسىپ كودىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، ئېنىق بەلگىلەنگەن ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئىچىدە ئارزۇ تولدۇرۇشنى تاماملىشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىلان ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈشتە، «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان . ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى توپلىمى»دىن پايدىلانسىمۇ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ تەكشۈرۈپ كۆرسىمۇ بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4