1000 مو قاقاسلىق مېۋىلىك باغقا ئايلاندى

يېيىلغان كەنتىدە:

1000 مو قاقاسلىق مېۋىلىك باغقا ئايلاندى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز پەرىزات ئابدۇل، جىڭ بو، زوۋ يى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

تومۇز ياز كۈنلىرىدە، ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسىنىڭ يېيىلغان كەنتىدىكى 1000 مولۇق باغ - ئورمان بازىسىدا شاپتۇل، بارىن ئۆرۈكى شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تاۋۇزلار تاۋۇز يوپۇرماقلىرى ئارىسىدا «ياتقان» بولۇپ، يېرىمى توسۇۋېلىنغان پىپادەكلا كۆرۈنەتتى؛ ئون نەچچە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئېھتىيات بىلەن كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىۋاتقان ھالىتى خۇددى ئۆز بالىسىغا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشايتتى.

ئىلگىرىكى قۇم - شېغىل ھەممە جاينى قاپلاپ، بوران چىقىپ تاشلار ئۇچۇپ يۈرىدىغان ھالەتتىن بۈگۈنكى يېشىللىققا پۈركەنگەن، مېۋىلىك دەرەخلەر شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالىدىغان ھالەتكە كەلگۈچە، يېيىلغان كەنتى بۇرۇنقى چۆل قاقاسلىقنى مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان باغ - ئورمان بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئوخشىغان مېۋىلەر ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەسىنى شەرھلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئورۇن بەلگىلەشنى كۆزلەش −

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلەش كېرەك

يېيىلغان كەنتىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، يېرى ئۈنۈمسىز، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمەيدۇ، چۆللۈك پۈتۈن كەنت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %18.7ىنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن كەنتتىكى 759 ئائىلىلىك 3348 ئادەم ئىچىدە، 2014 - يىلى 434 ئائىلىلىك 2041 ئادەم ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %63.47كە يەتكەنىدى.

«بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىمىز بار، لېكىن نېمە قىلىشنى، شۇنداقلا قانداق ئىشلەشنى بىلەلمىدۇق.» بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، يېيىلغان كەنتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ئادىل ئەلى يېڭى كەلگەندە ئاڭلىغان كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆپ دېگەن سۆز ئىدى.

خىزمەت ئەترىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاخىردا بارىن ئۆرۈكى، قىزىل ئالۇچا، شاپتۇل، يېمىش جىگدە ئاساس قىلىنغان خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۈتۈن كەنتنىڭ يېتەكچى كەسپى قىلىپ بېكىتتى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆپ قېتىم ئۇدۇللاشتۇرۇپ كېڭىشىشى ئارقىسىدا، ئەڭ ئاخىردا 4000 مو چۆل قاقاسلىقنى ياخشىلاپ باغ - ئورمان بازىسى بەرپا قىلىش بېكىتىلدى. ھالبۇكى، پۇقرالار ئەينى چاغدا بۇنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىدى.

«چۆل قاقاسلىقتا نېمە تېرىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە بىزگە كۆپرەك سىياسەت قولغا كەلتۈرۈپ بەرسە بولاتتى».

«بىر نەرسە تېرىغان تەقدىردىمۇ، سۇ بولمىسا ئوخشاشلا ئەي بولمايدۇ».

......

پۇقرالارنىڭ ئەندىشىسى ئالدىدا، كەنت شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تارماقلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، باغ - ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ۋە يەر ئۆزگەرتىش لايىھەسى تۈزدى، سۇچىلىق تارماقلىرى بىلەن سۇ ئىشلىتىش پىلانىنى كېڭىشىپ بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئەندىشە - گۇمانلارنى تۈگىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

يېتەكلەپ ئىشلەش −

تەر تۆكۈپ، ياش ئاققۇزۇپ بىرلىكتە سەپكە ئاتلىنىش

«ئىلگىرى بۇ يەر ناھايىتى چوڭ قاقاسلىق ئىدى، ھېچنېمە ئۈنمەيتتى.» 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاۋاتقان بۇپاتىمە ئاجى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قاراڭ، ئاۋۇ يولغا ئوخشايتتى».

بۇپاتىمە كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىسىڭىز، شېغىل يول پۈتۈنلەي چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تاشلار بىلەن تولغانىدى. ئەگەر دىققەت قىلمىسىڭىز، ماڭغاندا ئاسانلا پۇتىڭىزنى قايرىۋالىسىز.

قۇرۇلۇش قىلىشتىن ئىلگىرى تۇپراق ئۆلچەندى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئوخشاش بولمىغان جايدا بىر مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتا ئورەك كولىۋېدى، ھەممىسىدىن تاش چىقتى.

«شېغىلنى تاسقىۋېتىپ توپىسىنى ئالماشتۇرۇشتىن باشقا چارە يوق.» ئادىل مۇنداق دېدى: «چۆل قاقاسلىقتىن كولاپ چىقىرىلغان توپىنىڭ ھەممىسىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تاسقاپ، تاشلىرىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، قېپقالغان توپا بىلەن يېڭىدىن ئېلىپ كېلىنگەن توپىنى ئارىلاشتۇرۇپ تىندۇردۇق. مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېڭى تۇپراق قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولمىسا بولمايتتى».

600 مىڭ كۇب مېتىردىن ئارتۇق توپا، ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت بەدىلىگە، بۈگۈنكى باغ - ئورمان بازىسى بەرپا قىلىندى.

«خىزمەت ئەترىتى بىزنى باشلاپ تاشلارنى بىردىن - بىردىن يۆتكەپ، ئاز - ئازدىن توپا تىندۇرۇپ، بىر تۈپ - بىر تۈپتىن كۆچەت تىكتى، باغ - ئورمان بازىسىغا كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك قېنى سىڭدى» دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى زۇنۇنجان ياسىن.

ئادىل مېۋىگە تولغان دەرەخلەرگە قاراپ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدى. «قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم، كۆز يېشى قىلىپ باقمىدىم دېسەم يالغان گەپ قىلغان بولىمەن. بىز چىشىمىزنى چىشلەپ بەرداشلىق بەردۇق.» ئادىل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۈرتكىمىزدە، كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگەردى، ئىشلەشنى خالىماسلىقتىن ئاڭلىق ئىشلەيدىغان بولدى، تاپا - تەنە قىلىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە تاماق ئەكېلىپ بېرىدىغان بولدى».

ئادەملەر ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتتى، تېرىلىرى ئاپتاپتا كۆيۈپ سويۇلدى، پۇت - قوللىرىنى قات - قات قاداق، يارا ئىزلىرى قاپلىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتىكى قېرى - ياش ھەممەيلەن سەپكە ئاتلاندى. باغ - ئورمان بازىسى ئاخىر دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى.

شاد - خۇراملىققا چۆمۈش −

تۈرلۈك كەسىپلەر بىر - بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش

«مەن باغ - ئورمان بازىسىدا 15 مو شاپتۇللۇق، 15 مو بارىن ئۆرۈكلۈكىنى ھۆددىگە ئالدىم، يەنە بۇغداي بىلەن تاۋۇزنى كىرىشتۈرۈپ تېرىدىم، بۇ يىل 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىدىم.» باغ - ئورمان بازىسى بولغاچقا، ئايىمنىسا تۇردى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى، ئۇنىڭ خۇشاللىقى چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقتى. ھازىر باغ - ئورمان بازىسىدىكى 3000 مو يەرگە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخ تىكىلىپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %93كە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرى كىرىشتۈرۈپ تېرىغان تاۋۇز، بۇغداي، بېدە قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. كەنت بويىچە 68 دېھقان باغ - ئورمان بازىسىنى كۆتۈرە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىكى 49 ئادەم بار، باغ - ئورمان تېخنىكىسى مۇلازىمەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، 116 نامرات ئاھالىنى قوبۇل قىلىپ ھەم ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، «كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كەسپى بولۇش، ئىشلەمچىلىك قىلىش يولى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «سۇ ئۈستى باغچىسى» يېزا ئىگىلىك ئېكسكۇرسىيە تۈرى قەد كۆتۈردى؛ توپا ئالماشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان زور مىقداردىكى قۇم - شېغىل ماتېرىياللىرى ئىككى قۇم - شېغىل زاۋۇتىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، كېرەكسىز ماتېرىيال «خۇش پۇراق ماتېرىيال»غا ئايلاندى؛ قۇم - شېغىل زاۋۇتى تاسقاپ چىقىرىۋەتكەن كېرەكسىز توپا يەنە «سۇ ئۈستى باغچىسى» تەرىپىدىن مەنزىرە تاغ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىپ، كەسىپلەر بىر - بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، بايلىقتىن تەكرار پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چىنار دەرىخى تىكىلىپ، سۇمۇرغ جەلپ قىلىندى. كەنتتە شوپۇرلۇق مەكتىپى ئەمەلىي مەشىق بازىسى، ئۇن زاۋۇتى، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى، قۇشخانا، قۇم - شېغىل ماتېرىياللىرى مەيدانى قاتارلىق 15 كىچىك، ئۇششاق كارخانا ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى، كالا فېرمىسى، كۆچەت يېتىشتۈرۈش تەجرىبە بازىسى قاتارلىق تۆت تۈر ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 200 نامرات ئاھالىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمىنى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرىدىكەن.

«2019 - يىلى يېيىلغان كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى.» ئادىل مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق باغ - ئورمان بازىسىنى چۆرىدەپ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ يىل دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرىمىز، سىجىل ئاشۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4