ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار «سەپنىڭ ئالدىدا تۇردى»

سىياسەت كۈچ بەردى يېتەكلەش كۈچلۈك بولدى

ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار «سەپنىڭ ئالدىدا تۇردى»

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۇ لۇپىڭ

6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دىكى 310 كارخانا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 3889 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى. بۇ كارخانىلارنى خۇشال قىلغىنى شۇ بولدىكى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر پەسىللىك كارخانا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسىنى مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى يوللىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى بىر قېتىمدىلا ئاجرىتىپ بېرىلدى.

تۈرلۈك كارخانىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتسە، كارخانىلار ئەمەلىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ يىغىندىسى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ... بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان بىر قاتار «كۈچلۈك، يادرولۇق» تەدبىرلەر كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى كارخانىلارمۇ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى، ئىش ھەققى تۈزۈمى قاتارلىقلارنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتى

7 - ئاينىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايون «پۇقراۋى كارخانىلار تەكلىپ قىلىش ئېيى»نى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن ھەرقايسى باشقۇرۇش كومىتېت(مەھەللە)لىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىر تەرەپتىن تەۋەلىك رايونىدىكى خىزمەت ئېھتىياجى بار مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلىدى، بىر تەرەپتىن تەۋەلىك رايونىدىكى كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنى ۋە ئادەم سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان مەھەللىلەردىكى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا تەييارلىق قىلدى.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بەزى كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئازايدى، لېكىن ئومۇمىي مىقدارى كۆپ، يوشۇرۇن كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا، يەنىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچ بولدى.

3 - تۈركۈمدە بەرپا قىلىنغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى رايون(ناھىيە)لارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) كەسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئەمەلىي مەشىق قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بىر گەۋدىلەشكەن ھېس قىلىش شەكلىدىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر، يېزىلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىلىرى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى بار كىشىلەرنى «كەسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش + ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش + ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئەمەلىي مەشىق قىلدۇرۇش + سىياسەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش + تۈر تونۇشتۇرۇش + تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈش»تىن ئىبارەت «+6» بىر بېكەت شەكلىدىكى سۇپا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى.

ھازىرغىچە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە سەككىز يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى، يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كىرىپ ماكانلاشقان كارخانا 365، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى 1711 بولدى، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق 3091 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تەربىيەلەش مېخانىزمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى پائال قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

يېقىندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا 5000دىن ئارتۇق ئىش ئورنىغا ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئالىي مەكتەپلەرنى مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا قايتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى داشۆ پۈتكۈزگەن 102 ئوقۇغۇچى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى پۇقراۋى كارخانىلارمۇ جانلىق، كۆپ خىل ئىش ھەققى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئىچكى قىسىمدا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىشقا چۈشكەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كەسىپ تەرەققىيات سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى دىرېكتورى ۋاڭ لۇ 100 پارچىدىن ئارتۇق قىسقىچە تەرجىمىھال تاپشۇرۇۋالدى، «بۇلۇت تەكلىپ قىلىش» ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 22 ئوقۇغۇچى ئىشقا چۈشتى.

ئەمدىلا شىخەنزە داشۆسىنىڭ يەر بايلىقىنى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن جىن مىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قەدەم قويۇش پۈتۈنلەي يېڭى جەڭ ئېلان قىلىش ئىدى.

جىن مىن تۇنجى بولۇپ كىرگەن تارماق جەمئىيەت ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمى بولۇپ، پېشقەدەم خىزمەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە، ئۇ جەمئىيەت ئاممىۋى خىزمەت تەپەككۇرىغا قارىتا دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، «گەرچە كەسىپ ھالقىغان بولساممۇ، شىركەتنىڭ قاتتىق يېتەكلەپ ئۆگىتىش مېخانىزمى، تەربىيەلەش مەزگىلى بولغاچقا، تىرىشساملا، ئۆزۈمنىڭ ھامان نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن».

ۋاڭ لۇ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانا ئادەم ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ياش باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئۆستۈرۈش، توغرا يۆنىلىشتە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى چېنىقىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

تەجرىبە توپلاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆزلىمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، كەسىپ پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى تۈزۈپ، پىراكتىكا تەجرىبىسى توپلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمكانقەدەر شەخسىي تەرەققىياتىنى ئەڭ زورايتىش ئۈستىدە ئىزدەندى.

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ تەيكۇن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئاقتۇ باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا، پەيزۇللا ھىمام ئەمگەك توختامىنى رەسمىي ئىمزالىغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان باشقۇرۇش كۇرسىغا قاتناشقاندا ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم لېكتورلاردىن پات - پات سوئال سوراپ تۇردى.

پەيزۇللا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ھايۋانات تېبابىتى كەسپىنى مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى. بۇ يىل 1 - ئايدا، مەكتەپتىكى تەكلىپ قىلىشتا، پەيزۇللا شىنجاڭ تەيكۇن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشقا چۈشۈپ پىراكتىكا قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ ھامان ئاقتۇ باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ پىراكتىكىنى باشلىدى.

«كىچىك ھايۋانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشكە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن، كارخانا باشقۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن. مەيدان باشلىقىغا ئەگىشىپ ئۆگىنىش، پېشقەدەم خىزمەتچىلەردىن تەلىم ئېلىشتىن باشقا، مەن كارخانىدىكى ھەرقانداق بىر قېتىملىق تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيمەن». پەيزۇللانىڭ قارىشىچە، دەل كارخانا ئۈزلۈكسىز ئورناتقان، مۇكەممەللەشتۈرگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى، ئۆستۈرۈش مېخانىزمى جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان ئۇلارنى تېز ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپتۇ.

«ئىشىنىمەنكى، قەلبىمىزدە ئوت، كۆزىمىزدە نۇر بولسىلا، بىز چوقۇم كارخانىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزىمىزگە تەۋە بوشلۇق يارىتالايمىز» دېدى پەيزۇللا.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4