توردا «بېقىۋېلىش» مېۋە سېتىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي

6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مۇخبىر كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى كاڭجۇاڭ ئېكولوگىيە باغچىسىغا كىرگەندە، نەشپۈتلۈككە ئورنىتىلغان تېلېكامېرا ئۇنى دەرھال جەلپ قىلدى. يەرگە «كورلا نەشپۈتى(لوفېيگو) 2 - نومۇرلۇق بازا» دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «لوتوجيانىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى» دېگەن بەلگە قويۇلغانىدى.

مۇخبىرنىڭ ئەجەبلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ تىجارەت قىلغۇچىسى شىنجاڭ لوتوجيا ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى ما لىڭلىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت مېۋىلىك دەرەخلەرنى <بېقىۋالغان> خېرىدارلارنىڭ نەشپۈت دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرۇشى، خىزمەتچىلەرنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى كۈندىلىك پەرۋىش قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئوغۇت تۈرى، ئېتىز پەرۋىشى ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە كۆرۈپ ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن».

نەشپۈتلۈكتە بەزى مېۋە بەرگەن نەشپۈت دەرەخلىرىگە يەنە «كىملىك تاختىسى» ئېسىلغان بولۇپ، تاختىغا «بېقىۋالغۇچى»نىڭ ئىسىم - فامىلىسى يېزىلغان، يەنە «بالدۇرراق توي قىلغايسىز»، «ئۆگىنىشتە ئالغا باسقايسىز» قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئۈمىد سۆزلىرى يېزىلغانىدى.

«مېۋىلىك دەرەخ <بېقىۋېلىش> بىز بۇ يىل 5 - ئايدا يولغا قويغان يېڭى كەسىپ، ھازىر، 100 تۈپتىن ئارتۇق نەشپۈت، كۈزلۈك چىلان قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر <بېقىۋېلىندى>. بۇ يىلقى ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئىستېمالچىلار پىشىش جەريانىنى كۆرۈپ تۇرغان مېۋىلەرگە ئېغىز تېگەلەيدۇ» دېدى ما لىڭلىڭ.

شىنجاڭ لوتوجيا ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى 2016 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىزچىل شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەھەللە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، تور سۇپىسى، تور سىرتىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى قاتارلىق سېتىش يوللىرى ئارقىلىق، مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ساتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىكى كەسىپ مىقدارى بۇ شىركەتنىڭ كەسىپ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

چاغاننىڭ ئالدىدا، تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇم بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ كەسپىنى خېلى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى. «چاغاننىڭ ئالدى دەل نەشپۈت سېتىلىدىغان ئاۋات پەسىل ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل بۇلتۇرقىدىن 3000 توننا ئەتراپىدا ئاز سېتىلدى» دېدى ما لىڭلىڭ مۇخبىرغا.

ئىلگىرىكى يول راۋان بولمىسا، ئامال قىلىپ يېڭى يول ئېچىش كېرەك. بۇلتۇر يۈننەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا مېۋىلىك دەرەخلەرنى «بېقىۋېلىش» ئەندىزىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ كەلگەن ما لىڭلىڭ باشقىچە يول تۇتۇش قارارىغا كەلدى، كورلىدىكى داڭلىق يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش، پىششىقلاش كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كورلىدا مېۋىلىك دەرەخلەرنى «بېقىۋېلىش»نى يولغا قويدى. قىسقىغىنا بىر نەچچە ئايدىلا، نەشپۈت، كۈزلۈك چىلان، چىلان، ئالما، ئۈزۈم، تارىم دەرياسى پاقلىنىدىن ئىبارەت ئالتە «بېقىۋېلىش» بازىسى قۇرۇلدى.

«بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى شۇكى، مېۋە پىشماي تۇرۇپلا سېتىلىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى بازار خەۋپ - خەتىرىدىن زور دەرىجىدە ساقلاپ قالىدۇ» دېدى ما لىڭلىڭ.

مۇخبىر لوتوجيا ئۆز ئالدىغا قۇرغان قوللىنىشچان سۇپىدا باغ پەرۋىشى، مېۋىلىك دەرەخ پەرۋىشى، تېلېكامېرا باشقۇرۇش، زاكاز باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ بىر - بىرلەپ تىزىلغانلىقىنى كۆردى. مۇخبىر مېۋىلىك دەرەخلەرنى دەۋرىيلىك پەرۋىش قىلىش تۈرىدىن «4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئاقسۇ بىڭتاڭشىن مېۋىلىك بېغىدا چاڭلاشتۇرۇش، سۇغىرىش»، «5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئاقسۇ بىڭتاڭشىن مېۋىلىك بېغىدا شاخ تارتىش، مېۋە شالاڭلىتىش» قاتارلىق تەپسىلىي سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆردى.

ياندىكى خىزمەت ئۈستىلىدە، بېسىپ چىقىرىلغان تېز يەتكۈزۈش تالونلىرى مال سەپلەشنى كۈتمەكتە ئىدى. «بۇلار پەقەت قىسمەن زاكاز تالونى، بىزنىڭ ئاساسلىق مال تارقىتىش ئامبىرىمىزنىڭ زاكاز تالونى تېخىمۇ كۆپ» دېدى خېرىدار مۇلازىمەتچىسى جاڭ يۈجياۋ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، پائالىيەت كۆلىمىنى زورايتىش، پائالىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئەندىزە، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن توردىكى بىلەن تور سىرتىدىكىنى يۇغۇرۇش، تاۋار ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇش، ئىستېمالنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولدى.

«توردا <بېقىۋېلىش> بىزنىڭ ئىلگىرىكى <ئىشلەپچىقىرىۋېلىپ سېتىلىشنى كۈتۈش> ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلغان سىنىقىمىز، بۇنىڭدا <سېتىلىشىغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىش> ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئالدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان زاكاز ۋە مەبلەغ ئارقىلىق بازىلارنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشى ۋە ئىلمىي باشقۇرۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، يەنە تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى مۇقىم كىرىم كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ما لىڭلىڭ.

ما لىڭلىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ يىل تېخنىكا سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆتكۈنچى ئايرىش - تاللاش ئامبىرى قۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ، ئالدىن سېتىش مەبلىغىنى «بېقىۋېلىش» بازىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ سېلىپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ تەسىر كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4