يېزا - كەنت ساياھىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى يورۇتتى

يېڭىسار ناھىيەسى:

يېزا - كەنت ساياھىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى يورۇتتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ شياڭ

يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرى چاقىرىقوي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان مەمتىمىن ساياھەتچىگە ساپال ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىنى تونۇشتۇرماقتا (4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تارتىلغان).

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «يېزا - كەنت ساياھىتى شاھمىتى»نى ياخشى ئويناشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ ھەربىر ئالاھىدىلىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى «يارقىن رەڭ»گە ئايلانغاندا، بۇ تۇپراققا يوشۇرۇنغان ئاشۇ «ئالاھىدە» كۈچلەر شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئۇرغۇپ چىقتى.

يېزا - كەنت ساياھىتى ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى جانلاندۇرۇش

تاڭ - تۇڭ، تاڭ - تۇڭ... 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، سەھەردىكى مەيىن شامال ھۇزۇر بېغىشلايتتى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى قاراباش لەڭگەر كەنتىدىكى بىر ھۈنەرخانىدا توخسۇنجان بارات ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئوچاقنى چۆرىدەپ، بىرەيلەن سول قولىدا قىسقۇچ بىلەن قىسىپ، ئوڭ قولىدا بولقا بىلەن تېز - تېز سوقۇۋاتاتتى، بىرەيلەن قوش قوللاپ بازغان بىلەن زىقچە پولاتنى كۈچەپ بازغانلاۋاتاتتى، ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، پىچاقنىڭ دەسلەپكى شەكلى پۈتۈپ چىقتى.

توخسۇنجان چوڭقۇر نەپەس ئالدى، سەھەردىكى سالقىن ھاۋادا ئۇنىڭدىن يەنىلا تەر ئېقىپ تۇراتتى. «قولدا پىچاق ياساشنىڭ ئاچقۇچى پولاتنى سوقۇش، سۇغىرىش ۋە سىلىقلاشتا بولۇپ، كۆپرەك مەشىق قىلغاندا، كۆپ ئىزدەنگەندە، ئىشنىڭ ئېپىنى تاپقىلى بولىدۇ» دېدى توخسۇنجان پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەچ ئوغلىغا تاپىلاپ.

توخسۇنجان 3 - ئەۋلاد پىچاق ۋارىسى. ئىلگىرى ئۇ بۇ ئاتا كەسپىنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا «ئۈزۈلۈپ قېلىشى»دىن ئەنسىرىگەنىدى. «بۇ ھۈنەر ھەم ئادەمنى چارچىتىدۇ ھەم تەرلىتىدۇ، يىل بويى ئىشلەپ جاپاغا تۇشلۇق پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، دەسلەپتە بالامنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىشىنى قوللىمىغانىدىم» دېدى توخسۇنجان.

توخسۇنجان تۇرۇشلۇق كەنت دۆلەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان يېڭىسار پىچىقى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، «پىچاق كەنتى» دەپ ئاتالغان. ئىلگىرى، گەرچە پىچاق كەنتىنىڭ نامى كەڭ تارالغان بولسىمۇ، بىراق پىچاق قولدىن - قولغا ئۆتىدىغان بولغاچقا، پىچاقچى ئۇستامنىڭ قولىغا ھەقىقىي تېگىدىغان پۇل كۆپ ئەمەس ئىدى.

2016 - يىلى، يېڭىسار ناھىيەسى يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پىچاق كەنتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى. يول ئەھۋالى ياخشىلاندى، كەنت قىياپىتى ياخشىلاندى، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ئاشتى، كەنتكە ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، يېڭىسار پىچىقىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولدى.

«يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، گەرچە بۇ يىل ساياھەتچىلەر ئازىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال چوقۇم ئۆزگىرىدۇ، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!» بۈگۈنكى كۈندە توخسۇنجاننىڭ ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى. ئاتا مىراس ھۈنەرگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئۇ ئويىنى ئۆزگەرتىپ، پىچاق ياساش تېخنىكىسىنى بالىسىغا ئۆگەتتى. «كەنتتە پىچاقچىلىق كەسپى شەكىللەندى، %80تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى پىچاق ياساش، پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھۈنەرگە تايىنىپ پۇل تېپىش بىز ھۈنەرۋەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ بەختلىك ئىش» دېدى توخسۇنجان.

ھازىر، يېڭىسار ناھىيەسى «مەدەنىيەت + ساياھەت» ئەندىزىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تايىنىپ ئېسىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلدى. ناھىيە تەۋەسىدىكى پىچاق، ساپال، ياغاچ ئويما قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى مەھسۇلاتلىرى بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى ھۈنىرى بار تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى «ساياھەت تامىقى» يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ساپال مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە راۋاجلاندۇرۇش

يېڭىسار پىچىقى بىلەن تەڭ نام چىقارغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى مەھسۇلاتلىرىدىن يەنە ساپالمۇ بار.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى چاقىرىقوي كەنتى «ساپال كەنتى». تومۇز مەزگىلى، كەنتكە كىرسىڭىز، قاتار - قاتار يېڭى سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، ھەربىر ئۆينىڭ سىرتقى تېمى سېغىز لاي بىلەن ئوڭغۇل - دوڭغۇل سۇۋالغان، تاملارغا ياپيېشىل پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر يامىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، ئاددىي - ساددىلىق ئىچىدە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

ساپال كەنتى ئۇزاق ساپال پىشۇرۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان مەمتىمىن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قېلىپلىق ساپال پىشۇرۇش ھۈنىرىنىڭ داڭلىق ۋارىسى.

ئابدۇراخماننىڭ «نامى» داڭلىق بولسىمۇ، ئەمما ياخشى ھۈنىرى تۇرۇپمۇ پۇل تاپالماسلىقتەك ئوڭايسىز ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرگەن، 2014 - يىلى، ئۇنىڭ ئائىلىسى تېخى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى.

يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ باھار شامىلى چاقىرىقوي كەنتىگە يېتىپ كەلدى، ئابدۇراخماننىڭ ھۈنىرى ئاخىر كەڭ سەھنىنى كۈتۈۋالدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ياردەم بېرىشى - يۆلىشىدە، ساپال پىشۇرۇش ماھارىتىگە تايىنىپ، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى 2018 - يىلى نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى.

بىر ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى پەقەت باشلىنىش نۇقتىسى، پۈتۈن كەنتنىڭ «نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش» ھەقىقىي نىشان.

«بىز ساپال ياساش كۇرسى ئېچىپ، ئابدۇراخماننى تەربىيەچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ساپال ياساش ھۈنىرىنى ئۆگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۇلالچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق. ھازىر، 15 كەنت ئاھالىسى ساپال ياساشنى مۇستەقىل تاماملىيالايدىغان بولدى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ چاقىرىقوي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى يۆ ۋەنجى.

ساپال بىر نام كارتىسى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۇنىڭغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئىشلەش كېرەك. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، چاقىرىقوي كەنتى «كۇلالچى»نى سۈپەتلىك ماركا قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ياغ تارتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى، پىچاق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تاشتۈگمەن ئۇنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، پېچىنە - پىرەنىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق سەككىز ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 237 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۇلالچى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىل ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تىجارەت قىلغان قەيسەر ئەركىننى مەسئۇل قىلىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش، تەربىيەلەپ تېخنىكا ئۆگىتىش، بازار ئېچىشنى بىرلىككە كەلتۈردى.

«بۇ يىل مېنىڭ نىشانىم سېتىش سوممىسىنى 2 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش. ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر تۈركۈم خىزمەتچىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەخسىي بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئېچىشىنى قوللايمەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىنىشتىن باشقىلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەشكىچە، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى قەيسەر.

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، كۇلالچىلار ساياھەت كەسپى باغچىسىنىڭ تۈر مەبلىغى بېكىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى، چاقىرىقوي كەنتىدىكىلەرنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. «بىز ئىلغار توك خۇمدان، خام ساپال تارتىش ماشىنىسى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدۇق، ساپال مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كەسىپكارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.» يۆ ۋەنجى مۇنداق دېدى: بىز ساپال سۈپەتلىك ماركىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر تۈرلۈك كەسىپلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىقتىن يۇقىرى سۈپەتلىك قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەززىلىك تائاملار ئارقىلىق نۇرغۇن ساياھەتچىنى تۇتۇپ قېلىش

باھار شامىلىدا يەلپۈنەر ئۆرۈك چېچىكى، قىزىللىق قاپلىدى پۈتۈن كەنتنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن يېڭىسار ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ناھىيە ساياھىتىدىكى ئالتۇن خەتلىك پىلاكاتقا ئايلاندى. بۇلتۇر ئەتىيازدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى چولپان يېزىسى قازاقلا ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ئەركىن باۋۇدۇن كەنت بېشىدا تۇرۇپ، بەس - بەستە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرىگە قاراپ، كەنتنىڭ ھازىر بار بولغان بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قارار قىلدى.

«كەنت ناھىيەگە كىرىش - چىقىشتىكى مۇھىم قاتناش يولىغا يېقىن بولۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزدىن ياخشى پايدىلانساق، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى ئەركىن.

ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالماقچى بولساق، جەزمەن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ قورسىقىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. يېزا - كەنت خاس ئۇششاق يېمەكلىك مەززىلىك تائاملار كوچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى مانا مۇشۇنداق قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە قوزغىتىلدى. تۈر داۋاملىشىش بىلەن بىللە، ئەركىن كەنتتىكى «ئاشپەز ئۇستىلار»نى ئىزدەپ، ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتا ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى.

كەنت ئاھالىسى ئىمىرنىسا سالى لەڭمەننى ياخشى ئېتەتتى، كەنتنىڭ قوللىشىدا، ئۇ مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىن بىر دۇكان ئالدى ھەم ئىككى نامرات ئاھالىنى ياردەمگە ياللىدى. «ئۇششاق يېمەكلىكلەر سودىسى قىلسام تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھۈنىرىمنىڭ تەمىنى تېتىتىپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار يۇرتداشلىرىمغا ياردەم بېرەلەيمەن، كۆڭلۈمدىكى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

لەڭمەن، داپەنجى، تونۇر كاۋىپى... ھازىر، قازاقلا ئېرىق كەنتىدىكى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا خۇش ھىدلار ھەممە يەرگە تارىدى. «جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئارام ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىدۇ، گۈزەللىكىنى تىلغا ئالمايلا قوياي!» دېدى ئەركىن.

مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى دۇكانلارنىڭ تىجارىتىنىڭ تەدرىجىي ئىزىغا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇزاق مەزگىللىك بىر پىلانمۇ ئەركىننىڭ كاللىسىدا تەدرىجىي پەيدا بولدى. «كەنتتە مېۋىلىك دەرەخ بار، مەززىلىك تائاملار بار، يەپ - ئىچسە، سەيلە - ساياھەت قىلسا، مېۋە ئۈزسە بولىدۇ، دېھقانلار ئارامگاھلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش چوقۇم ئاقىدۇ!» دېدى ئەركىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

يېزا - كەنت ساياھىتىگە تايىنىپ، يېڭىسار ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تولۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4