دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى سىجىل ياخشىلاندى

− دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادىي يۈزلىنىش توغرىسىدا توختالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئەن بېي

«دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، 5 - ئايدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپى تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر سىجىل ياخشىلاندى» دېدى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قانداق قاراش كېرەك؟ مال باھاسى يۈزلىنىشى قانداق بولىدۇ؟ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتىكى «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش» قانداق ئالغا سىلجىتىلىدۇ؟

ئەسلىگە كېلىش روشەن بولدى، خىرىس يەنىلا مەۋجۇت

5 - ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر سىجىل ياخشىلىنىپ، ماددىي مىقدار كۆرسەتكۈچلىرىدە ياخشىلىنىش بولغان.

«ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش سىجىل قايتا ئۆرلىدى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازار كۆزلىمىسى مۇقىملىقنى ساقلىدى» دېدى مېڭ ۋېي.

توك ئىشلىتىش مىقدارى، يۈك توشۇش مىقدارى قاتارلىق ماددىي مىقدار كۆرسەتكۈچلىرى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزىتىدىغان كۆزنەك. 5 - ئايدا قىسمەن سانائەت ماددىي مىقدار كۆرسەتكۈچلىرى كۆرۈنەرلىك قايتا ئۆرلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاكتىپ سىگنالىدىن بېشارەت بەردى.

توك تارقىتىشتىن قارىغاندا، 5 - ئايدا توك تارقىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 4 - ئايدىكىدىن تۆت پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە توك تارقىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.1 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى تۆت ئايدىكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت تارايدى.

توك ئىشلىتىشتىن قارىغاندا، 5 - ئايدا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 3.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - كەسىپ ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %7.1 ۋە %5.2 ئاشتى، 2 - كەسىپ، 3 - كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %4 ۋە %6.3 تۆۋەنلىدى. رايونلارغا ئايرىپ قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئون ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى مۇسبەت ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۈننەن، شىنجاڭنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىردەك %5تىن ئېشىپ كەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى تىجارىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى، تۆمۈريولدا يۈك بېسىلغان پويىز سانى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى.

«شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، يەر شارىۋى يۇقۇم ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان زەربىسى ۋە تەسىرى يەنە ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىۋاتىدۇ؛ دۆلىتىمىز ئىچىدە تارقاق كېسەللىك مىسالى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىشەنچىسى ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېدى مېڭ ۋېي.

مېڭ ۋېي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك:

بىرىنچى، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قېزىپ قويۇپ بېرىش كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇنى يېتەكلەپ ۋە يارىتىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى يېڭىلاش، ئالماشتۇرۇش ۋە يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، مۇكەممەللىشىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە دۆلەت زايومىنىڭ قوزغىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈك ساھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئىككىنچى، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كېپىللىكنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، بانكىلارنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئۈچىنچى، تۈرلۈك ئامال بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپنى نۇقتىلىق نىشانلاپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بۇ يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە CPIنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تارىيىشىدىن ئۈمىد بار

5 - ئايدا ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشتى، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت چۈشتى، بۇ، يېقىنقى 14 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ كىچىك ئېشىش نىسبىتى ھېسابلىنىدۇ.

مېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى كۆكتاتلار كۆپلەپ بازارغا سېلىندى، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - كېڭەيتىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

«بولۇپمۇ CPI بىلەن يادرولۇق CPIنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتىنىڭ پەرقى كىچىكلىمەكتە، بۇ يىل 2 - ئايدىكى 4.2 پىرسەنت پوئېنتتىن بۇ يىل 5 - ئايدىكى 1.3 پىرسەنت پوئېنتقا تارايدى.» مېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: 4 -، 5 - ئايدا يادرولۇق CPIنىڭ ئېشىش نىسبىتى %1.1 بولۇپ، چوشقا گۆشى ۋە كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىدا بىرقەدەر زور تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، CPIنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئامىللارنىڭ بىرقەدەر تېز ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ بەردى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن ھۆكۈم قىلغاندا، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چوشقا گۆشى باھاسىنىڭ مۇقىم چۈشۈش ھالىتىنى ساقلاشتىن ئۈمىد بار، ھەم پەسىللىك ۋە بايراملىق ئېھتىياجنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاز - تولا داۋالغۇش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلىتىمىزدە ئاشلىق ۋە ياغ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، ئاشلىق، ياغ باھاسىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار؛ كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلارنىڭ باھاسىدا نورمال پەسىللىك داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يېمەكلىك باھاسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئاساسەن تەكشى، مۇقىم ھالەت ساقلىنىدۇ» دېدى مېڭ ۋېي.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ يېتەرلىك ماكرولۇق سىياسەت بوشلۇقى بار، كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازار تىرىكى بار، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېتەرلىك ئېلاستىكلىققا ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئاساسلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلاتنى كۆزلىمە نىشانغا يەتكۈزۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، تۈرلۈك ئىستېمال بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، مال باھاسىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى ھازىرلاندى. ئۆرلىمە تەسىرنىڭ تەدرىجىي پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە CPIنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تارىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، پۈتۈن يىلدا ئالدىدا يۇقىرى بولۇش، كەينىدە تۆۋەنلەش ھالىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولىدۇ.

شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تېز تولۇقلاش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. مېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش جەريانىدا، نۇرغۇن كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈر مەۋجۇت. شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش چۆرىدىلىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تېز تولۇقلىنىپ، شەھەرنى يېڭىلاش ۋە شەھەرنى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، كەسىپ ۋە نوپۇسنىڭ توپلىنىشىغا تىرەك بولۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.

بىرىنچى، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس كۆلىمى ئاساس قىلىنىپ، شەھەر ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. تۈرلۈك شەھەر، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكتىن يۆتكەلگەن نوپۇس مەركەزلىك ئېقىپ كىرگەن شەھەرلەرنىڭ نوپۇس ئورنىتىش چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاسىتە قىلىنغان، ئولتۇراقلىشىش يىل چېكى قاتارلىق شەرتلەرگە چېتىلغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مەركىزىي شەھەرلەر ۋە نۇقتىلىق شەھەرلەر توپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپى ۋە ئېشىش بوشلۇقى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

ئىككىنچى، ناھىيە بازىرىنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش كىرىش نۇقتىسى قىلىنىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۈچىنچى، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۇتقا قىلىنىپ، شەھەرلەرنى يېڭىلاش تېز ئالغا سىلجىتىلىدۇ. سۇ، توك، گاز، يول، ئۇچۇر قاتارلىق يانداش ئۇل ئەسلىھەلەر ھەمدە ياشانغانلارنى كۈتۈش - ھاۋالىلىك بېقىش، ئاپتوموبىل توختىتىش، خەلققە قولايلىق بازار قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كونا زاۋۇت رايونى، كونا كوچا رايونى ۋە شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

تۆتىنچى، مەھەللە ئاساس قىلىنىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت تىپىغا ئۆزگىرىشىگە، ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈجۈپىلىشىش تىپىغا ئۆزگىرىشىگە، يانداش بايلىقلارنىڭ كوچا، مەھەللىلەرگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاساسلىق ۋە ئاساسلىق بولمىغان ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ئىقتىدارلار مەركەزلەشكەن گۈزەل تۇرمۇش مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلىدۇ. ئاممىۋى سەھىيەدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: مەمەتجان يۇنۇس
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4