شىنجاڭنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەش خىزمىتى تەدرىجىي گۈزەل مەنزىلگە قەدەم قويدى

سېرىق قۇمدىن تەدرىجىي يېشىللىققا پۈركەنگىچە    «ھالاكەت دېڭىزى»دىن «ئىقتىساد بوستانلىقى»غىچە

شىنجاڭنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەش خىزمىتى تەدرىجىي گۈزەل مەنزىلگە قەدەم قويدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ شياڭ

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى 26 - قېتىملىق دۇنيا چۆللىشىش ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تەشۋىقات باش تېمىسى «قول تۇتۇشۇپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى توسۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ئورتاق قوغداش».

شىنجاڭدا ئىنسانلارنىڭ چۆللىشىشكە قارشى كۈرىشى باشتىن - ئاخىر داۋاملاشماقتا. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭدا 24 مىليون 660 مىڭ مو قۇملاشقان يەر تىزگىنلەندى. سېرىق قۇمدىن تەدرىجىي يېشىللىققا پۈركەنگىچە، «ھالاكەت دېڭىزى»دىن «ئىقتىساد بوستانلىقى»غىچە، كۆپ يىل چۆللۈك ۋە نامراتلىق بىلەن ئىزچىل ئېلىشىش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەش خىزمىتى تەدرىجىي گۈزەل مەنزىلگە قەدەم قويدى.

«ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۇستەھكەم توسۇق بەرپا قىلىندى

قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، كۆرۈنىدىغىنى چېكى يوق سېرىق قۇملۇق بولۇپ، خۇددى بىر توپ يىرتقۇچ ھايۋان تەرەپ - تەرەپتىن بوستانلىقنى كۆزىتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ئېگىز ئىھاتە ئورمىنى گوياكى يېشىل توسۇقتەك، تۇتاش كەتكەن ئېگىز - پەس سېرىق قۇمنى يىراقتا توسۇپ تۇرىدۇ...

جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ چەت رايونلىرى، تەكلىماكان قۇملۇقىغا تارقاق جايلاشقان بوستانلىقلار چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەرلەر تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قورشىلىپ تۇرىدۇ. ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ئاستىلىتىش شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ئۆلكە (رايون)لەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن ھازىرغىچە، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئورمان بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، جەمئىي 70 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇمنى تىزگىنلەش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى قىيۇم تۇرسۇن يەنە ناھىيە بازىرىدىكى دۇڭچېڭ رايونىغا كېلىپ سەيلە قىلدى. بۇ جاي ئىلگىرى قاقاس چۆللۈك بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان جايغا ئايلاندى. «ئىلگىرى بۇ يەردە بىرنەچچە ئائىلىلىك كىشىلەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئەتراپى پۈتۈنلەي قۇملۇق ئىدى، ئىھاتە ئورمان بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مۇھىتمۇ تەدرىجىي ياخشىلاندى، بۇ يەر ياسالغاندىن كېيىن، ھازىر ئارام ئېلىش، سەيلە قىلىشىمىزدىكى ئالدىن تاللايدىغان جاي بولۇپ قالدى» دېدى ئۇ.

يېشىل توسۇق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلدى.

تاڭ سەھەردىكى سالقىن ھاۋادا، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى يۇقىرى تاۋا كېسسىك كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا كەنت ئاھالىسى ئىمىن بارات كۈچەپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتاتتى. ئېتىز ئەتراپىدىكى ئېگىز ئۆسكەن يوغان قاتار دەرەخلەر خۇددى قولىغا قورال ئېلىپ پوستتا تۇرۇۋاتقان قاراۋۇللاردەك قۇملۇق بويىدىكى بۇ تۇپراقنى قوغداپ تۇراتتى. «بۇ قات - قات ئىھاتە ئورمىنى ئېتىز ۋە كەنتلەرنى ئوراپ تۇرىدۇ، شۇڭا تۇيۇقسىز يۈزبېرىدىغان قۇم - بوراننىڭ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى ئۇ.

قۇم - بوران ۋە قۇرغاق ئىسسىق شامال شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىككى چوڭ تەبىئىي ئاپەت بولۇپ، ئىلگىرى شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغانىدى، بىر قېتىملىق زىرائەت ھوسۇلىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، ھەتتا ھوسۇل ئېلىنماي قېلىشى بىلەن ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئەسلىگە كېلەلمەيتتى.

ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى، چوڭ تىپتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش غول ئورمان بەلبېغى ۋە تەبىئىي چۆل ئورمىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل ئورمان، كۆپ بەلباغلىق، غوللۇق چاتقال، تورسىمان بەلباغ بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تەدرىجىي شەكىللەندى، نۆۋەتتە، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىشىنى كۈچلۈك ئېكولوگىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

كۆپ يىل بىنا قىلىنغان ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا، بۈگۈنكى كۈندە ئورمانلاردا چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنىدا ئورمانلارنىڭ چېكىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، «يېشىل سەددىچىن سېپىلى»نىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايدۇ.

مۇداپىئە ھۇجۇمغا ئۆزگەرتىلىپ، زېمىن يېشىللىققا پۈركەندى

قۇم بېسىپ كىرىپ ئادەم چېكىنىشتىن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق چۆللىشىش قەدىمىنى توسۇشقىچە، كىشىلەر ئىزچىل تۈردە «مۇداپىئە»نى ئاساس قىلىپ كەلگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش بارا - بارا مۇداپىئەنى ھۇجۇمغا ئۆزگەرتىش باسقۇچىغا كىرىپ، چۆللۈكنى يېشىللىققا ئۆزگەرتىش قۇملۇق رايونىدىكى ئاممىنىڭ قەلب تەلپۈنۈشىگە ئايلاندى.

بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن رەخىم ئىمىن چەرچەن ناھىيەسىدە تۇرىدۇ. 22 يىل ئىلگىرى، چەرچەنگە قۇم بېسىپ كىرگەندە، ئۆزىنىڭ بىر توپ ئەزىمەتلەر بىلەن پۇچقىقىنى تۈرۈپ، قۇملۇققا بۆسۈپ كىرىپ، ئورەك كولاپ كۆچەت تىككەن مەنزىرە ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىدە.

«ئەمەلىيەتتە ئۇ چاغدا كۆچەت تىكسە ئەي بولمايدىغانلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلەتتى، ئەمما ئۇلار ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد باغلايتتى، بىر تۈپ كۆچەت ئەي بولسىمۇ، قۇم - بوران سەل ئازىياتتى» دەپ ئۆتمۈشنى ئەسلىدى رەخىم قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا.

ۋاقىتنىڭ ئاستا - ئاستا ئۆتۈشى، تېمىتىپ سۇغىرىش، ئايروپىلاندا دورا چېچىش ھەمدە كۆچەت تىكىش تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن، بۇ تۇپراقتا بىر تۈپ دەرەخنى ئەي قىلىش ئۇنچە تەسكە توختىمايدىغان بولدى. يىللار ئۆتكەنسېرى كىشىلەر ھاردىم - تالدىم دېمەي يۇرت - ماكانىنى يېشىللاشتۇردى، بۈگۈنگە قەدەر، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ يېشىللىق كۆلىمى 115 مىڭ موغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارمۇ سىجىل، كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىللىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا بەرپا قىلىنغان بوستانلىق كۆلىمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 13 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن 62 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيدى.

پەن - تېخنىكا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، تېخنىكا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، چۆللۈك رايونلار يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش ئورنىغا ئايلانماقتا.

6 - ئايدىكى ماناس ناھىيەسىنىڭ سۇساتقان يېزىسى جارسۋات كەنتىدىكى قاقاس تۆپىلىكتە، ئون نەچچە مىڭ تۈپ قارىياغاچ، جىغان، توغراقلار بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. بۇ دەل - دەرەخلەرنى تىكىشتە سۇغارماي ئورمان بىنا قىلىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، سۇ يىغىش رايونى، دەرەخ يىلتىزى كېڭىيىش رايونى، سۇ ساقلاش رايونى ئارقىلىق يىغىلغان يامغۇر سۈيى ئوتتۇرا قىسىمدىكى دەرەخ يىلتىزى كېڭىيىش رايونى ئارقىلىق تۆۋەن قىسىمدىكى سۇ ساقلاش رايونىغا سىڭىپ كىرىدۇ، ئەڭ كۆپ زاپاس سۇ مىقدارى ئون كىلوگىرامغا يېتىدۇ ھەم سۇ يىغىش رايونىنىڭ سىرتقى يۈزىگە نېپىز سولياۋ يوپۇق يېپىلىپ، پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئازايتىلىپ، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇنداق تېخنىكا ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز بولغان چۆللۈك رايونلىرىدا ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

خوتەن، گۇما، قاراقاشتىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيە تۇتاشقان جايدا، قۇملۇقنى تۇپراقلاشتۇرۇش تېخنىكىسى قۇملۇقنى ئۆسۈملۈك ئۆسىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇردى. بۇ تېخنىكا مېخانىكا پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىۋېلىنغان ماددىلارنى قۇمغا ئارىلاشتۇرۇپ، قۇمنىڭ چېچىلىشىنى چەكلەپ، سۇ ۋە ئوغۇتنى ساقلاپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق چۆللۈكنى ئۆزگەرتىپ، چۈجگۈن ئوت، بېدە، كۆممىقوناق، ئاق قوناق قاتارلىق ئون نەچچە خىل زىرائەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈردى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى قىرغاۋۇل، ياۋا توشقانلارنى ئارقا - ئارقىدىن جەلپ قىلدى.

قۇملۇق ئوراپ تۇرىدىغان مەكىت ناھىيەسى پىندىق ياڭىقى قاتارلىق كۆچەتلەرگە PVC كىيدۈرمە تۇرۇبا يېپىش ئارقىلىق كۆچەتلەرنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك كىلىماتنى قىسمەن ياخشىلاپ، كۆچەتلەرنىڭ قىشتىن نورمال ئۆتۈشىنى قوغداپ، ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇپ، ياۋا توشقانلارنىڭ غاجىشىدىن ساقلىنىپ، كۆچەتلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن تولغان قاقاس تاغ باغرىغا ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش، تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە تېرىقچىلىق قىلىش، تېرىپمۇ ئەي قىلغىلى بولمايدىغان، ئېچىش شارائىتى ھازىرلانمىغان قۇملاشقان تۇتاش يەرلەرگە قارىتا، تەبىئەتنىڭ كۈچىگە ئىشىنىشنى تاللاپ، ئۇنى چەكلەپ قوغداش كېرەك.

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دۆلەت قۇملاشقان يەرلەرنى چەكلەپ قوغداش رايونىدا، جىمجىتلىقتىن شامالدا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىنىلا ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ئادەم يوق، چارۋا يوق. ياۋا ئوت - چۆپلەر ۋە ئېگىز - پەسلىكى ئوخشاش بولمىغان چاتقال، دەرەخلەرلا بار بولۇپ، تەبىئەتنىڭ ئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئاستا - ئاستا ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇلغۇن، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش، سۇغارماي ئورمان بىنا قىلىش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، تۆۋەن قاپلىنىش دەرىجىسىدىكى ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار، ئەمەلىي قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى شەكىللەندى ھەم ئومۇملاشتۇرۇلدى. سىياسەت مېخانىزمى، تېخنىكا ئەندىزىسى، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا چۆللىشىشنى تىزگىنلەشنىڭ «شىنجاڭ نۇسخىسى» بىلەن تەمىنلەندى.

قۇم بىلەن دوست بولۇپ، چۆللۈكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇردى

قۇم تىزگىنلەش جەريانى قۇم بىلەن ئېلىشىشتىن قۇم بىلەن دوست بولۇشقىچە بولغان جەرياندۇر.

ئىلگىرى، لوپ ناھىيەسىدىكى دېھقان ئىمىن بارات بىپايان قۇم دېڭىزىغا يۈزلەنگىنىدە ئىچى ئاچچىق بولاتتى. ئەمما ھازىر ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، يۇلغۇنلار بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، ئەسلىدىكى تىمتاس قۇملۇققا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

«يۇلغۇن قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە يىلتىز قىسمىدا پارازىت ياشايدىغان نەيچىسىمان گۈللۈك توشقانزەدىكى (يۇلغۇن توشقانزەدىكى)نى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۇلغۇن توشقانزەدىكى <قۇملۇق ئادەمگىياھى> دەپ ئاتىلىدۇ، دورا بىلەن داۋالاش، قۇۋۋەت تولۇقلاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشلىتىلىدۇ،» ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇلغۇن توشقانزەدىكى پىشقاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىرىنىڭ چوڭلۇقى ئادەمنىڭ بىلىكىچىلىك توملۇقتا بولىدۇ. بىز بىلەن زاكاز ئىمزالىغان كارخانىلار قەرەللىك كېلىپ سېتىۋالىدۇ، مۇشۇنىڭدىنلا ھەر يىللىق كىرىم ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ».

بۇ تەرەپتىكى قۇم ئاپىتى قۇم پايدىسىغا، ئۇ تەرەپتىكى قۇم - بوران مەنزىرىگە ئايلاندى.

بۇلبۇللار سايراپ، قارلىغاچلار ئۇسسۇلغا چۈشتى، قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چاچتى، بۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ باغچىغا بولغان تەسىراتى. ئەمما، قۇملۇق باغچىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھەم بىر پارچە ئىپتىدائىي قۇملۇق دۇنياسى، ھەم بىر تەبىئىي چۆللۈك ئۆسۈملۈك باغچىسى.

پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇقى دۇنيادىكى شەھەرگە ئەڭ يېقىن قۇملۇق، گەرچە شەھەر بىلەن قۇملۇقنىڭ چېگراسى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى كىشىلەر قۇملۇق بىلەن بىللە ياشاشقا ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەن. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، پىچان دۆلەت قۇملۇق باغچىسى شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان 149 خىل قۇملۇق ئۆسۈملۈكى مەنزىرە رايونىغا تارقالغان. قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى يەنە چەكلەش بىلەن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە توغراق ۋە سۆكسۆكتىن بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمىنى بەرپا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن قۇملۇق ساياھەت رايونى ۋە بوستانلىق ساياھەت رايونى شەكىللىنىپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى، سېرىق رەڭ بىلەن يېشىل رەڭ بۇ يەردە بىر - بىرىنى تولۇقلىدى. نۆۋەتتە شىنجاڭدا 36 دۆلەت قۇملۇق باغچىسى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بار بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دۆلەت قۇملۇق باغچىسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھېسابلىنىدۇ.

چۆللۈك «ئۈجمىلىك»كە ئايلاندى، سېرىق قۇمدىن ئالتۇن چايقالدى. قۇملۇق رايونى خاس كەسپى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، قۇمنى تىزگىنلەپ بېيىش بىر تاختا شاھمات بولۇشتەك تەرەققىيات يولىغا تايىنىپ، شىنجاڭدا چاتقال ئوت - چۆپ، يەم - خەشەك، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، ئىقتىسادىي باغۋەنچىلىك، قۇملۇق ساياھەتچىلىكى قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان قۇملۇق رايونى خاس كەسپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، يەم - خەشەك، دورا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، يېمەكلىك، ئىچىملىك، مېۋە - چېۋە قاتارلىق زور بىر تۈركۈم قۇملۇق كەسپىي مەھسۇلاتلىرى ئېچىلىپ، تېرىقچىلىق، پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلدى، مەھسۇلات قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ھەر يىلى قۇملۇق كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، قۇمغا چېتىشلىق پىششىقلاش كارخانىسى 93كە، بۇ كارخانىلارنىڭ يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 1 مىليون 180 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلاپ ۋە بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: مەمەتجان يۇنۇس
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4