پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلاندى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى يىتىملىقۇم يېزىسىدىكى مەركىزىي ئاشلىق ئامبىرى شۇ جايدىكى دېھقانلار ئېلىپ كەلگەن كۈزگى بۇغداينى سېتىۋېلىشنى باشلىغان. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل يازلىق ئاشلىقنىڭ تۇنجى قېتىم سېتىۋېلىنىشى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يىغىش - ساقلاش پونكىتى، نۇقتىلىرى ئامبارلارنى پائال بىكارلاپ - بىرلەشتۈرۈپ، ئامبارلارغا ئاشلىق كىرگۈزۈشنى باشلىدى، سېتىۋېلىش نەق مەيدانىنىڭ تەرتىپى ياخشى بولدى، ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن ئاشلىقلارنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى 3 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولدى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يەرلىك دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرىنىڭ 3 - دەرىجىلىك كۈزگى بۇغداينىڭ ھەربىر كىلوگىرامىنى سېتىۋېلىش باھاسى 2.36 يۈەن ئەتراپىدا، دەرىجە پەرقى ئىككى پۇڭ بولۇپ، ھەربىر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن 0.02 يۈەن يۇقىرى بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى ما شۆيۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى سېتىۋېلىش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، زاپاس ساقلاش - ئالماشتۇرۇشنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىپ، سېتىۋېلىشقا يېتەكلەش، باھا شەكىللەندۈرۈش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق بازىرىنى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاشلىق زاپىسى تولۇق، بازار تەمىناتى يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشقا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مەدەت بېرىپ، باھانى تاختىغا چىقىرىش، ئۆلچەمنى تامغا چىقىرىش، ئەۋرىشكىنى سۇپىغا چىقىرىش، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى «كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سېتىۋېلىشنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىن كېلىشىپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق سېتىۋېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنى يولنى ئاز قاتراش، ئاز ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئاشلىقنى تېز سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: مەمەتجان يۇنۇس
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4