يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى گۈرۈلدىمەكتە

يوپۇغا ناھىيەسىدە

يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى گۈرۈلدىمەكتە

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر رېن لىيىڭ

6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يوپۇغا ناھىيەسىدە يازلىق ئاشلىق ئورۇلۇپ ئامبارلارغا قاچىلاندى. يازلىق تېرىم ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. بۇ يىل يازدا يوپۇغا تۇپرىقىدا ئۆزگىچە مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

«ھازىر، تېرىشتىن تارتىپ يىغىۋېلىشقىچە ھەممىسىدە ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىنىدىغان بولدى، ئېڭىشمەي تۇرۇپلا بۇغداينى ئورۇپ بولىمەن» دېدى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ بايئاۋات يېزىسى يېڭى بازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەمەر نىيازئەخمەت ئالتۇن رەڭ بۇغدايلىقتا ئازادە تۇرۇپ.

ئۇنىڭ ئېتىزلىقىدا، ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، چوڭ تىپتىكى كومبايىن بۇغدايلارنى پاك - پاكىز ئورۇۋاتاتتى، ئېتىز بېشىدا ساقلاپ تۇرغان تىراكتور يېڭىلا ئورۇلغان بۇغداينى توشۇۋاتاتتى.

«مەن ئېتىزغا ئىككىلا ئىشنى قىلغىلى كەلدىم، بىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدىگۈچىگە بىزنىڭ يېرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىش، يەنە بىرى ياخشى ئورۇلغان - ئورۇلمىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش» دېدى سەمەر «كەنتكە ئۈچ چوڭ تىپتىكى كومبايىن كەلدى، بىرنەچچە كۈنگە قالمايلا پۈتۈن كەنتتىكى بۇغدايلارنى ئورۇپ بولىدۇ».

«ئورما ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇغداينىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 500 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغاندەك قىلىدۇ» دېدى بايئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئالىمجان ھاياجانلانغان ھالدا «ئەتىيازدا بۇغداينى پەرۋىش قىلىدىغان مەزگىلدە، ھەرقايسى كەنتلەر مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرغاچقا، مول ھوسۇل ئالدۇق».

بۇ يىل، يوپۇغا ناھىيەسىدە 190 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىلىپ، بۇلتۇرقى تېرىغان كۆلەمدىن 20 مىڭ مو ئاشتى. يوپۇغا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، 40 مىليون يۈەن مەبلەغ غەملىدى ھەم 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۇنجى قېتىم 1 مىليون يۈەننى دەسمايە مەبلەغ سۈپىتىدە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن تارقىتىپ، «پۇلنىڭ ئاشلىقنى ساقلاپ تۇرۇشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنى خاتىرجەم قىلدى.

بۇ ياقتا بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئۇ ياقتا 420 مىڭ مو يەردىكى زىرە ئۆزگىچە خۇش پۇراق چېچىپ، يىغىۋېلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

«بۇ يىل زىرە ناھايىتى ئوخشىدى، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1900 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولۇشى مۇمكىن» دېدى تېرىم بازىرى كۆتەگلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخەت توختى خۇشال ھالدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يوپۇغا ناھىيەسى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى+بازا+دېھقانلار» تېرىقچىلىق مەشغۇلات ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زىرىنىڭ ئېتىز پەرۋىشى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زىرە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنىڭ قولىدىن زىرە سېتىۋېلىپ، سېتىش يولىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، يوپۇغا ناھىيەسى شىنجاڭ يۈەندا يېشىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، زىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

يازلىق يىغىم كېچىكمىسە، ئېڭىز تېرىقچىلىقىغا دەخلى يەتمەيدۇ.

تېرىم بازىرى يىلتىزلىق كەنتىدە ماشىنا ئاۋازى گۈرۈلدەپ تۇراتتى، ئورۇلۇپ بولغان بۇغداي ئېتىزى، زىرە ئېتىزىدا پىرقىرىما ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش، باستۇرۇش بىرىكمە مەشغۇلاتى قىلىدىغان تىراكتور كومبايىننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىۋاتاتتى.

«بىرنەچچە سائەتلىك يۈرۈشلۈك مەشغۇلات ئارقىلىقلا، ئىلگىرى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئاران تاماملىغىلى بولىدىغان يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم خىزمىتىنى تاماملىدۇق» دېدى يىلتىزلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوسمان يۇمشاق، تەكشى «بۇلۇتسىمان ئېتىز»دا خۇشال ھالدا.

ئوسماننىڭ ئىككى كالىسى، سەككىز قويى بار، «بۇ ئۈچ مو ئېڭىزغا تېرىلغان كۆممىقوناقتىن سىلوس بېسىۋالساق، ئائىلىمىزدىكى كالا، قويلارنىڭ يەم - خەشىكىدىن غەم قىلمايمىز» دېدى ئوسمان «قېپقالغىنىنى سېتىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرىمىز».

بۇ يىل، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلار چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كىرگۈزۈپ، ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تېرىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، تېرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يوپۇغا ناھىيەسى تېخنىك خادىملارنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ دېھقانلارنىڭ كۆممىقوناق تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، پۈتۈن ناھىيەدىكى 108 مىڭ مو ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتى مۆلچەرلىنىشىچە، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاخىرىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4