146 شىنجاڭ كارخانىسى توردىكى گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز، شىركىتىمىز قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تۈرلۈك كاستۇم - بۇرۇلكىسى، ئىشتىنىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشنى ئاساس قىلغان تاشقى سودا كارخانىسى...» 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 127 - نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك توردىكى گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى باشلاندى، ئۈرۈمچى شەھىرى دەنشالىيا كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تونۇشتۇردى.

بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەم ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېتىلىدۇ، شىركەت باش دىرېكتورى لى يەنرۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىركەت 30 نەچچە خىل ئاساسلىق مەھسۇلاتنى توردا كۆرگەزمە قىلىدىكەن. «بىز بىرقانچە نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇق، ئەسلىدە ھەممىسى تور سىرتىدا ئىدى، بۇ يىل توردا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، شەكىل جەھەتتە نۆۋەتتىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشقا ئوخشايدۇ، بۇ يىل ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى لى يەنرۇ.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، توردا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 146 كارخانا 235 كۆرگەزمە ئورنى ئىلتىماس قىلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سانى ئالدىنقى نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىدىكىدىن %18 ئاشتى، كۆرگەزمە ئورنى سانى %10 ئاشتى.

بۇ نۆۋەتلىك توردىكى گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى ئاساسلىقى توردا كۆرگەزمە قىلىپ ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس رايونى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماركېتىڭ مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 16 چوڭ تۈردىكى تاۋار بويىچە 50 كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار سۈرەت، سىن، 3D قاتارلىق شەكىللەردە كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تورغا چىقىرىپ، كۆپ شەكىل، كۆپ ئۆلچەمدىن سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى مەخسۇس ئالىي دەرىجىلىك تىۋىت ھەم تىۋىت ئارىلاش يىپ، تىۋىت پوپايكا، ئارىلاش توقۇلما پوپايكا ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان توقۇمىچىلىق كارخانىسى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مېڭ شىنلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى توردىكى گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، شىركەت بىر ئايدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىپ، سۈرەت، سىن تەشۋىقاتىدىن تارتىپ خادىملارنى تەربىيەلەشكىچە بولغان ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى ئىمكانقەدەر ئىنچىكە ئىشلىدى. بۇ يىلقى ئۆزگىچە يەرمەنكىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

كارخانىلارنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ھەرقايسى جايلاردىكى سودا تارماقلىرى، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىش تەرتىپى ۋە يەرمەنكە تەپسىلاتىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى؛ ھەرقايسى جايلاردىكى سودا تارماقلىرى شۇ جايدىكى يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلارنىڭ يەرمەنكىدىن بۇرۇنقى مۇلازىمەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشقا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلارنى ۋاقتىدا يەرمەنكە ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىشتىكى تۈرلۈك تەييارلىقلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

«بۇ قېتىم گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى ئەسلىدىكى تور سىرتىدىن تورغا يۈزلەندى، بىزمۇ ئاستا - ئاستا ئىزدىنىۋاتىمىز، بۇ تور سۇپىسى ئارقىلىق شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ماركېتىڭ دىرېكتورى ليۇ شىتاۋ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4