ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئالاقىدار نازارەت - ئىدارە - تارماقلار بىلەن توغرا يۆنىلىشتە ئالاقىلىشىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن تىك يۆنىلىشتە ئۇدۇللىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كۆرگەزمە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولغان.

ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «پونكىت قۇرۇش، سۈپەتلىك ماركا تىكلەش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، دەل جايىدا بولۇشنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «بىر يۈرۈش يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى، بىر تۈركۈم توردا سېتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىسى، بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئوبوروت تورى، بىر يۈرۈش ئېقىم مىقدارىنى سېتىش مىقدارىغا ئايلاندۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى، بىر تۈركۈم يەرلىكتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېڭىچە دېھقانلار ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرى سۇبيېكتلىرى»دىن ئىبارەت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسقا 240 مىڭ 700 ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلغان، 65 مىڭ 800 ئادەم قېتىم تەربىيەلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يەنە ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، «ئالاقە تورى+ئائىلە مۇلازىمىتى+كۈتۈنۈش+مۈلۈك باشقۇرۇش+مەھەللە خىزمىتى+مۇھىت تازىلىقى+تەربىيەلەش+ N» مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «100 شەھەر، 10 مىڭ كەنت» ئائىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كارخانىسىدىن ئوننى يېتىشتۈرگەن، ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىڭدىن ئېشىپ، كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 3500 يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، «بىر ئادەم ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»تەك كىچىك پىشاڭ ئارقىلىق چوڭ ئېففېكت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى كۆرگەزمە سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «شىركەت+دېھقان ئائىلىسى» «ئالاقە تورى+يېزا ئىگىلىكى»نىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ نامرات رايونلار بىلەن ئۇزاققىچە مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولغان؛ «سودا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش+جەمئىيەت+ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت كەسىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش (شىنجاڭ) پائالىيىتى قاتارلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ياڭاق، چىلان قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق مەھسۇلاتلار سودا بازىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يەنە چېگرا سودىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورت سىناق نۇقتىسى ۋە دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىشىگە تۈرتكە بولغان، تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، ھالقىما ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھەمكارلىق رايونى ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4