ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى

مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدىن 1332سى پۈتتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، تۇرۇبا سۈيى جۈمەكتىن شارقىراپ ئېقىپ چىقتى، ئابدۇنىياز تەۋەككۇل سۇنى ئوچۇملاپ ئېلىپ يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپلا، دەرھال جۈمەكنى ئېتىۋەتتى. «بۇ سۇ تەستە كەلگەن، ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ.» ئۇ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يۇقارقى چوغتال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، يېنىدىكى داتلىشىپ كەتكەن تاشلاندۇق باسما قۇدۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «تۇرۇبا سۈيى ئۇلانغىلى ئىككى يىل بولدى، بۇ باسما قۇدۇقنى تۇرمۇشىمىزدىكى زور ئۆزگىرىشنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئىزچىل بۇزۇۋەتمەي ساقلاپ قويدۇم» دېدى.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، بۇ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئۇل خاراكتېرلىك رول ئوينىدى. «نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدىن 1332سى پۈتتى» دېدى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈن.

1980 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئادەم، چارۋىلار ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى ۋە سۇنى ياخشىلاپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى رەسمىي تۈردە سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەركەزنىڭ قوللىشىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سۇ سۈپىتى، سۇ مىقدارى، قولايلىق دەرىجىسى، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن يېزىلاردىكى ئادەم ۋە چارۋىلار ئىچىدىغان سۇنىڭ سۈپىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى يېسىيۇلغۇن كەنتىنىڭ كەنت بېشىدا بىر تاشلاندۇق كۆلچەك بار. 77 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئابلىز مەتنىيازنىڭ قىران چاغلىرىدىن بۇرۇنقى ئەڭ مۇھىم ئەسلىمىلىرىنىڭ بىرى كۆل بىلەن ئۆيى ئارىلىقىدا توختىماي قاترىغانلىقى ئىكەن. ئۇ ياش چاغلىرىدا سۇ توشۇغان قاپاق ھېلىھەم ئۆيىدە ساقلاقلىق ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئابلىز ھويلىسىدا ئولتۇرۇپلا، تۇرۇبا سۈيىنى ئاچالايدۇ، سۇ ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق. ھويلا - ئاران، ھاجەتخانا، ئاشخانىدىكى ئۈچ جۈمەك كېرىيە ناھىيەسىدىكى يېزا ھويلىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسىگە ئايلاندى.

1991 - يىلى تۇنجى توك قۇدۇقى قېزىلغاندىن باشلاپ، يېسىيۇلغۇن كەنتىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، سۇ بىلەن تەمىنلەش يىلدىن - يىلغا مۇقىملاشتى، سۇ سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. 2019 - يىلى، پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن سۇ زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كۈنىگە 160 كۇب مېتىردىن ئارتۇق بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلىنىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈلدى. «بىز يېڭىدىن سۇ زاۋۇتى قۇرۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن جايلاردا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىدىكى سۇ زاۋۇتلىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمىنى مۇستەھكەملەپ ئۆستۈردۇق» دېدى جاڭ يۈن.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى، سۇ مەمۇرىيىتى مەسئۇل تارماقلىرى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ساھەنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى.

«ئىلگىرى تۇرۇبا سۈيى بولمىغاچقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىز ھەقىقەتەن ئىنتايىن قىيىن ئىدى. سۇ بولمىسا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىمىگە ئۇچراپلا قالماي، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يەنىلا سۇ توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، بارلىق زېھنىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئەسلا قارىتالمايتتى» دېدى چىرا ناھىيەسى بوستان يېزىسى دۆڭباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتكېرەم ئىمىن « تۇرۇبا سۈيى ئۇلانغاندىن كېيىن، ھويلا - ئارانلىرىمىزدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرالايدىغان بولدۇق، ھەر يىلى كۆكتات تېرىپلا، 1000 يۈەندىن ئارتۇق چىقىمنى تېجەپ قالالايمىز».

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4