شىنجاڭدىكى تۇنجى «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئايروپىلان ھۆددە ئېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئايروپىلان ھۆددە ئېلىپ توشۇلغان 15 توننا شىنجاڭ ئاق ئۆرۈكى خاڭجوۋ شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرىغا كىردى. 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 19دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭدىكى تۇنجى «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئايروپىلان ھۆددە ئېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» بويىچە ھۆددە ئېلىنغان ئايروپىلان كورلىدىن خاڭجوۋغا قاراپ ئۇچتى.

«يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» دېگىنىمىز، بىر قىسىم ماللارنى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئورۇندۇقى ۋە يۈك - تاق جازىسىغا قويۇپ، يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قورساق بۆلمىسىگە قاچىلاش ئارقىلىق، «يولۇچىلار بۆلمىسى+قورساق بۆلمىسى» يۈك تىرانسپورت يېڭى شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى كېڭەيتىشىنى قوللاش ئۈچۈن، كورلا ئايرودۇرۇمى بوشلۇق ئىقتىسادىي رايونى دۆلەت سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروت تۈرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئايروپىلان ھۆددە ئېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېتىزدىن ئىچكىرى رايونلاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىزىغا يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئايروپىلان ھۆددە ئېلىپ توشۇشنىڭ ۋاقىت ئەۋزەللىكى روشەن. ئۆرۈكنى مىسالغا ئالساق، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا ئېتىزلىقتىن ئۈزۈلىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 7 ئەتراپىدا ئايروپىلان ئايرودۇرۇمدىن ئۇچۇپ، تۆت سائەتتىن كېيىن خاڭجوۋغا يېتىپ بارىدۇ، ئۆرۈك يېڭى پېتى ساقلىنىدۇ» دېدى خۇاشيا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بازىسىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شياۋبو.

كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ بازار ماركېتىڭى مەسئۇلى شى لىشۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل كورلا ئايرودۇرۇمى 60 توننا يېڭى ئۆرۈكنى ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا توشۇشنى مۆلچەرلىدى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ھەققى، يەر يۈزىدە توشۇش قاتارلىق ھەقلەرنى چىقىرىۋەتكەندە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 3 مىليون يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىرانسپورتىنى قوشقاندا، 2020 - يىلى پۈتكۈل تىرانسپورتنىڭ ئاۋات پەسلىدە كورلا ئايرودۇرۇمى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن قىلىدىغان كىرىمنى 10 مىليون يۈەنگە يېقىن ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

كورلا (چەرچەن، چاقىلىق) ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: قەشقەرنىڭ گىلاسى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن پىشىشىغا ئەگىشىپ، يەنە ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى رايونلارنىڭ بازىرىغا توشۇشقا ياردەم بېرىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كورلا ئايرودۇرۇمى يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھۆددە ئېلىپ توشۇش ئايروپىلانىنى 30 نۆۋەت كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4