تۇنجى «گۇاڭجوۋ − شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چېگرادىن چىقتى

قورغاستىن چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى 18گە كۆپەيدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەلقئارا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى لىق قاچىلانغان «گۇاڭجوۋ − شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن چېگرادىن چىققان. بۇ، گۇاڭجوۋدىن قوزغىلىپ، قورغاستىن چېگرادىن چىقىپ، قازاقىستاندىن ئۆتۈپ، ئۆزبېكىستاننى مەنزىل قىلغان تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنايدىغان لىنىيە 18گە كۆپەيگەن.

بۇ قېتىمقى «گۇاڭجوۋ − شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى گۇاڭدۇڭ (دالاڭ) تۆمۈريول خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت بازىسىدىن قوزغالغان بولۇپ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى قاچىلانغان 45 كونتېينېرنى ئېلىپ، ئون كۈندىن كېيىن مەنزىلگاھ ئۆزبېكىستان تاشكەنت بېكىتىگە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 7000 كىلومېتىر.

«بۇ نۆۋەتچى پويىز يېڭىدىن ئېچىلغان لىنىيەدە قاتنىغان بولۇپ، ئېلىمىز ياساش مەركەزلىرىنىڭ ماللىرىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرا ئاسىياغا توشۇيدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 3 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لۇڭ تېڭ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇھىم ماددىي ئەشيا تىرانسپورت شەكلىگە ئايلاندى. بارغانسېرى كۆپ يۈكنىڭ دۆلىتىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا كۆپلەپ توشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يېڭى لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى مۇقەررەرلىككە ئايلاندى.

2016 - يىلى، «چۇڭچىڭ − شىنجاڭ − ياۋروپا» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن چېگرادىن چىقىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قورغاستىن ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 2019 - يىلى «چۇڭچىڭ − شىنجاڭ − ياۋروپا» «چېڭدۇ − شىنجاڭ − ياۋروپا» «چاڭئەن ناملىق» قاتارلىق 16 جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى قورغاستىن چېگرادىن كىرىپ چىقتى. بۇ يىل يەنە «گۇاڭدۇڭ − شىنجاڭ − ياۋروپا» «گۇاڭجوۋ − شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان» ئىككى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن قورغاستا چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 18گە يەتتى.

نۆۋەتتە، قورغاس پورتىدا كۈنىگە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 11ى چېگرادىن كىرىپ چىقىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈندە 17سى كىرىپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4