كەسىپ سېلىنمىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 15 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاندى

جېجياڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بەردى:

كەسىپ سېلىنمىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 15مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاندى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خاڭجوۋ شەھىرى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئىككى بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاش ئاساسىي يىغىن مەيدانى ھەمدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلىرىدىكى بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاش شۆبە يىغىن مەيدانىدا، بىرلا ۋاقىتتا شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى . بىڭتۇەن 1 - شىسى ئارال شەھىرى − جېجياڭنىڭ كەسىپ سېلىنمىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ۋە ھەمكارلىق تۈرى بويىچە بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي 30 كەسىپ تۈرى ئىمزالاندى، كېلىشىمدىكى سېلىنما 15 مىليارد 104 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇ قېتىمقى بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 22 - نۆۋەتلىك جۇڭگو جېجياڭ مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى. كەسىپ سېلىنمىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ۋۇچەن جۇڭدا گۇرۇھى، گوماۋ گۇرۇھى، خاڭجوۋ پولات - تۆمۈر گۇرۇھى، ئايروپورت گۇرۇھى قاتارلىق جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق كارخانىلار ھەمدە ھەرقايسى جايلاردىكى 200دىن ئارتۇق كارخانىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، ئىمزالانغان تۈرلەر ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى - مېتاللورگىيە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سودا - ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، يەككە تۈردە ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوماندان جۇ لىنسېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل جېجياڭنىڭ 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىن ئىلگىرى «ئۇلنى چىڭىتىپ يول ئېچىش يىلى» رىتىمىنى بېكىتىپ، كەسىپ تۈرلىرى ئارقىلىق يەرلىك ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشنى تۇتقا قىلىپ، «سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش يۈز كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قوزغاتتى. 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، تۇنجى نۆۋەتتە چاقىرىلغان سودىگەرلەر خاڭجوۋ، نىڭبو، جىنخۇا قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەردە زىيارەتتە بولدى. كەلگۈسى ئىككى ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە كىچىك ئەترەت سودىگەر جەلپ قىلىش شەكلىدە، جېجياڭدا ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەم بىڭتۇەن 1 - شىسى ئارال شەھىرىنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4