ئاپتونوم رايونىمىزدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن قوزغىتىلدى

2 مىليون 930 مىڭ توننا ئامبار سىغىمى بوشىتىلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن قوزغىتىلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇغداي جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن ئورۇلۇشقا باشلىغان، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قوزغىتىلغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 مىليون 930 مىڭ توننا ئامبار سىغىمى بوشىتىلغان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 13 مىليارد 800 مىليون يۈەن قەرز مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى تولۇق كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ بازار ئېھتىياجى ئاشقان، باھا ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداينىڭ باھاسىدا بۇلتۇرقىدىن ئازراق ئۆسۈش ھالىتى كۆرۈلگەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق سېتىۋېلىشنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بۇغداي پىششىقلاش كارخانىلىرى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلارنىڭ بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلىك، يولى كۆپ خىل بولغان، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىقنىڭ باھاسى يۇقىرى بولغان بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى زاپاس ئاشلىقنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سېتىۋېلىش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا بازارغا كىرىپ نۆۋەت بىلەن ئاشلىق سېتىۋېلىپ، سېتىۋېلىشنى يېتەكلەش، باھا شەكىللەندۈرۈش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدىكەن.

يېقىندا، ئاپتونوم رايون 2020 - يىللىق بۇغداي سېتىۋېلىشتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، باھانى بازار بېكىتىش، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىگە يۇقىرى تولۇقلىما بېرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىش»تىن ئىبارەت بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش مېخانىزمى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 3 - دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بۇغداي جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، كۆپ مەنبەلىك بازار سۇبيېكتلىرى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، ئالدىن كېلىشىپ سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىش تور نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىشىغا قولايلىق يارىتىپ، كەلگەن ھامان سېتىۋېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سېتىۋېلىش مەبلىغى غەملىشىگە ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ «ئاشلىق سېتىشى قىيىن بولۇش»، دېھقانلارغا «ئاق ھۆججەت بېرىش» مەسىلىسى كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4