جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇق گىرۋىكىدە تۇنجى يېزا - كەنت سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسى قۇرۇلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جيا چۇنشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېييۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە قۇرۇلغان تۇنجى يېزا - كەنت سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى − قۇملۇق سۇ دۇنياسى سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسى ئېچىلدى.

قۇملۇق سۇ دۇنياسى سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىگە جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئالتە مو بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، بۇ يىل دەيشى ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتىنى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش ئارقىلىق قۇرغان.

«مەن بۇ يىل 63 ياشقا كىردىم، بۇ ئۆمرۈمدە قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىمۇ سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسى قۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم، كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىملىكى بىلەنلا بالىلىرىنى ئېلىپ ئىشىكى ئالدىدىلا ھەقسىز ساياھەت قىلالايدىغانلىقىنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدىم» دېدى ئاياغ چودا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى بۇخەدىچە ئاۋۇت.

سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بالىلارنى سۇ بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى جاڭ گولىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى 30دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىۋاسىتە ھەل قىلىپ، يېمەك - ئىچمەك، تىرانسپورت قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 20 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، ئاياغ چودا كەنتىدە يېڭىدىن بىر كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت چوڭ زالى سېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتە <ئانار دانىسى ئىگىلىك تىكلەش مەيدانى> ۋە 60 مولۇق تاماشا قىلىش - مېۋە ئۈزۈش بېغى بەرپا قىلىنىپ، ساياھەتچىلەر ئەتراپلىق، ئىستېرېئولۇق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ، ئاياغ چودا كەنتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆزگىچە ساياھەت كەنتى قىلىپ قۇرۇلىدۇ» دېدى جاڭ گولىڭ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4