يازلىق پەرۋىش، يازلىق يىغىم قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولدى  «ئاشلىق» كاپالىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز رايىدە، گې يوۋجۈن، سۇڭ ۋېيگو

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى «ئورما ۋاقتى». ئورما ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىشى ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم، يازلىق پەرۋىشتىن ئىبارەت «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بىلەن ئالدىراش بولۇش يۇقىرى دولقۇنىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئىبارەت ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، قوش غەلىبە قىلىش خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېتىز پەرۋىشى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنى، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش    تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش    يېشىل بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان گۇچۇڭ ناھىيەسى شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتىدىكى يېشىل بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى 10 مىڭ مو بۇغدايلىقتا ياپيېشىل دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. كۆز ئالدىدىكى خۇشاللىنارلىق مەنزىرىگە قاراپ، كەنت ئاھالىسى جۇ جيا خۇشال كۈلدى.

ئورما پەسلىدە، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى 1 مىليون مودىن ئارتۇق بۇغداي دان تۇتۇش مەزگىلىگە كىردى. پۈتۈن ناھىيەدىكى قۇدۇق سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدىغان رايونلاردىكى بۇغدايلار ئومۇميۈزلۈك ئالتىنچى قېتىم سۇغىرىلدى، بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار ئىدى.

گۇچۇڭ ناھىيەسىدە بۇغداينىڭ يىللىق ھوسۇلى ئۇدا بەش يىل 400 مىليون كىلوگىرامدىن ئېشىپ، 2019 - يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر بۇغداي تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئالغا سىلجىتقان ناھىيە قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ يىل، گۇچۇڭ ناھىيەسى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىملاشتۇرۇپ، بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى 1 مىليون 60 مىڭ موغا يەتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك بۇغداي 780 مىڭ موغا يېتىپ، ناھىيە بويىچە بۇغداي ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %74ىنى ئىگىلىدى.

دېھقان - چارۋىچىلارغا خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىدىن ئىبارەت «ئىككىنى ئازايتىش»، كىرىمنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنى تېزدىن ئىگىلىتىش ئۈچۈن، گۇچۇڭ ناھىيەسى تېخنىكا مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا تايىنىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتتى ھەم يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى نەق مەيداندا تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشقا تەشكىللەپ، ئورگانىك ئوغۇتنى خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھەم كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىرتۇتاش تىزگىنلەش ھەم يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇردى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 7300 توننىدىن ئارتۇق خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى ئازايتىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ مو بېشى سېلىنمىسى ئۈچ يۈەن ئازايتىلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ 21 مىليون يۈەندىن ئارتۇق چىقىمى ئازايتىلىدىكەن.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو خۇەيئەن مۇنداق تونۇشتۇردى: سانجى ئوبلاستى «يېشىل ئاشلىق ئامبىرى»نى پائال بەرپا قىلىپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، چوڭقۇر بوشىتىش مەشغۇلاتى قىلىش، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىدىن ئىبارەت ئىككىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش قاتارلىق يېشىل تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك بۇغداي تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئاشلىقى ئارقىلىق سۈپەتلىك ماركىلىق ئۇن كەسىپ زەنجىرىگە تىرەك بولدى.

سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش    ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش    ئاساسنى پۇختىلاش

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، تېخنىك خادىملار بۇغداي ئورۇشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى.

نۇرباغ يېزىسى يېڭىئاۋات كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ياقۇپ قاسىم مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بۇغداي بەك ياخشى ئۆستى، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 520 كىلوگىرامغا يېتىشىدە گەپ يوق. بۇلتۇر بۇغداينىڭ ھەر موسىغا 180 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلگەنىدى، بۇ يىل 220 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، ئاشلىق ساتقاندا يەنە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان بولدى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق سىياسىتى بەك ياخشى».

بۇ يىل ياقۇپ تېرىغان 15 مو بۇغداي كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشۇلدى، ئاندىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇغداي ئۇرۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى، ئۇن ئىشلەش شىركىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش زاكاز تالونى ئىمزالاپ، بىرتۇتاش سورت تاللاش، بىرتۇتاش يەر تېرىش، بىرتۇتاش ئېتىز باشقۇرۇش، بىرتۇتاش ئورۇش، بىرتۇتاش سېتىشنى يولغا قويدى.

شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سورت كۆپەيتىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چيەن جۇڭسەي مۇنداق دېدى: «بۇ بازىدىكى بۇغداينىڭ سۈپىتى ياخشى، بىز زاكاز بويىچە بىرتۇتاش سېتىۋالىمىز، بازار باھاسىدىن ئۈچ مو يۇقىرى.» باھا تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار خاتىرجەم قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شايار ناھىيەسىدە تېرىلغان بۇغداي 208 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۈزگى بۇغداي 167 مىڭ مو، يازغى بۇغداي 41 مىڭ مو ئىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە ئومۇمىي ھوسۇل 93 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن.

شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى ياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شايار ناھىيەسى تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش    سۈپەتنى ئەلالاشتۇرۇش    پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش

«ھازىر بۇغداينىڭ باشاقلىرى تولۇشقا باشلىدى، ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى، مۆلچەرلىنىشىچە 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئورۇشقا بولىدۇ.» 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى تاۋۇن جۆگۈن كەنتىدىكى دېھقان لى گۇاڭجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل بۇغداينىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېخىمۇ ياخشى بولدى، بۇ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

بۇ يىل، باغراش ناھىيەسى بۇغداي تېرىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يول باشلىشى ئارقىلىق بۇغداي تېرىپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، كېيىنكى مەزگىللىك ئېتىز پەرۋىشىگە قولايلىق ياراتتى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لۇ شاۋلېي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى تۇپراق ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرنى ئوغۇتلاشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. دېھقانلار «نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە ئوغۇتلاپ، ھەم ئوغۇتنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى ئازايتتى، ھەم تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قاراتمىلىق ھالدا ئاشۇردى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاپلا قالماي، يەرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، يەنە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاپ، تېخنىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىش بىلەن بىللە، بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش، كېڭەيتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بۇ يىل شىنچۇن 26 - نومۇر، شىندۇڭ 22 - نومۇر قاتارلىق بۇغداي سورتىنى كىرگۈزدى، كېڭەيتتى. «يېڭى سورتلارنى كېڭەيتىش كېيىنكى مەزگىلدە ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتا ئىلمىي ئالدىن كۆرەرلىك ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشقا تېخىمۇ پايدىلىق» دېدى لۇ شاۋلېي.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4