ئاپتونوم رايونىمىز ئالتە تۈرلۈك ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا «2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت يېشىل تەرەققىياتى ھەرىكەت لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلغان. «لايىھە»دە: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئالتە تۈرلۈك ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل لايىھەلەش، يېشىل تېخنىكا ۋە ھۈنەر - سەنئەت، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل باشقۇرۇش، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈپ، مۇھىت تەسىرى ئەڭ كىچىك، بايلىق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان، ھەم ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان سانائەت يېشىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە سانائەت ساھەسىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆلچەمگە توغرىلاش ھەرىكىتى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئەھۋالىغا دىياگنوز قويۇش ھەرىكىتى، پۈتۈن يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىق - تەربىيەسى ۋە تايانچلارنى تەربىيەلەش ھەرىكىتى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىنىڭ سىياسەت ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە قوللاش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتى، خىمىيە سانائىتى ساھەسىنىڭ چوڭقۇر، مەخسۇس تۈردىكى ئېنېرگىيە تېجىشىگە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق بەش تۈرلۈك ھەرىكەتنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %4 ئىچىدە كونترول قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى سىجىل تۆۋەنلىتىپ، سانائەت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېشىل ياسىمىچىلىق تىزىملىكىنى مەخسۇس تۈردە قايتا تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ بىر يېشىل باغچە رايونى ۋە 20 يېشىل ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتى قۇرۇپ، بىر يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل ياسىمىچىلىقتىن ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سانائەتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 101 يېشىل زاۋۇت، تۆت يېشىل باغچە رايونى، بەش يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى بەرپا قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4