جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇغداي ئورمىسى كەينى - كەينىدىن باشلاندى  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلانغان، بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى ئۆتكەن يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئازراق ئاشقان، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بۇغداينىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولغان ھەم ئورما كەينى - كەينىدىن باشلانغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، قوش غەلىبە قىلىش خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى تەمىناتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى ۋە كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىرىنى پەرۋىش قىلىش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەييارلىقىنىڭ تولۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇغداي تېرىيدىغان رايونلار ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى بۇغداي تېرىيدىغان رايونلار ئاچقۇچلۇق دېھقانچىلىق مەزگىلىدە كۆكلەم سۈيى، باش ئوغۇت بېرىش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

بۇ يىل، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يېنىك دەرىجىدە ياكى ئوتتۇراھال دەرىجىدە مېتېرېئولوگىيەلىك قۇرغاقچىلىق كۆرۈلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»تەك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى فاڭجېنى بويىچە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قاتارلىق بىنەم تېرىقچىلىقى يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇچىلىق، مېتېرېئولوگىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ئاشلىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى كۆپلىگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)كە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچلۈك تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەر مو كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى 180 يۈەندىن 220 يۈەنگە ئۆستۈرىدۇ، سىلوس قونىقىنىڭكىنى 100 يۈەندىن 120 يۈەنگە ئۆستۈرىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار بۇغداي قاتارلىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى تەرتىپلىك ئېنىقلاپ، ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە، ئىمكانقەدەر بالدۇرراق دېھقانلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن ۋاقتىدا بەھرىمەن قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى بۇغداي ھوسۇلىنى ئۆلچەپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، بۇغداي ئورۇش ۋاقتىنى ئىلمىي بېكىتىپ، بۇغداي ئورۇش مەشغۇلاتىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بىر بۆلەك پىشسا بىر بۆلەكنى ئورۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇغداي سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئاشلىقنىڭ بىر تال دېنىنىمۇ قالدۇرماي ئامبارغا كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4