ئىككى ئەۋلاد كىشىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى داۋاملاشتۇرۇش

ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ شۇتىڭ

«بىزنىڭ ھېكايىمىز رومانلاردىكىدەك قالتىس بولمىسىمۇ، لېكىن تەپسىلىي ئويلاپ باقسام، ئاشۇ نۇرغۇن ئاددىي كىچىك ئىشلار قەلبىمىزنى بىر - بىرىگە مەھكەم باغلاپتۇ» دېدى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئونسۇ ناھىيەسى توپخان بازىرى شالبۇلاق كەنتىنىڭ سابىق كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى كۇڭ چىڭدې.

كۇڭ چىڭدېنىڭ دەۋاتقىنى ئۇ ۋە كەنت ئاھالىسى سەپەر غوپۇر بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپلا ئۇلار ياخشى دوست ئىدى. 40 يىلدىن بۇيان، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يىراق - يېقىنغا تونۇلغان بىر جۈپ ياخشى قېرىنداشقا ئايلاندى.

كۇڭ چىڭدېنىڭ ئەسلىشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، سەپەر ئۇنىڭ بىر كۇب مېتىر قوي قىغى سېتىۋېلىشقا 180 يۈەن خەجلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بازارغا بېرىپ، سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەچكە، ئۇ بىر كۇب مېتىر قوي قىغىنى 120 يۈەن باھادا ئوڭۇشلۇق سېتىۋالغان. «ئەينى يىللاردا 60 يۈەن كۆپ پۇل ئىدى، بۇ قېرىندىشىمنىڭ كۆڭلى ياخشى بولغاچقا، مېنىڭ زىيان تارتىشىمغا كۆزى قىيمىدى» دېدى كۇڭ چىڭدې.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سەپەر كۇڭ چىڭدېنىڭ تەرجىمانى بولۇپ قالدى، كىچىكى كۆكتات سېتىۋېلىش، قوغۇن - تاۋۇز سېتىشتىن، چوڭى نەچچە ئون توننا شال سېتىشقىچە، ئۇلار دائىم بىللە بولدى، يەنە دائىم چاقىرىشىپ بىللە بازار ئارىلىدى، شۇ ئارىلىغىنىچە 40 يىل ئۆتتى.

«باشقىلار مېنى ھەقسىز ياردەم قىلىۋاتىدۇ دەيدۇ، ۋىجدانىم بىلەن دېسەم، ئەمەلىيەتتە مەن ئىزچىل ئاكامنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتىمەن» دېدى سەپەر.

30 يىلنىڭ ئالدىدا، سەپەر پادىچىدىن دېھقانغا ئۆزگەردى، لېكىن ئۇ ئېتىز ئىشلىرىنى بىلمىگەچكە، يېرىگە قاراپ تىت - تىت بولاتتى. كۇڭ چىڭدې بۇنى بىلگەندىن كېيىن، سۇ تۇتۇش، يەر ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاش، زىرائەتلەرنى پەرۋىش قىلىش، شاخ تارتىش قاتارلىق ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قولمۇقول ئۆگەتتى. مېۋىلىك دەرەخ تىكىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، كۇڭ چىڭدې سەپەرنى ئۆستەڭ توسمىسىغا قاراشقا تونۇشتۇردى، بۇنىڭدىن ھەر ئايدا 900 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولاتتى، بۇ، كېچىسى ئۆستەڭگە قاراپ، ۋاقتى قەرەلىدە سۇ قويۇپ بېرىدىغان، قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدىغان ئىش بولغاچقا، سەپەرنىڭ بۇ ئىشتىنمۇ رايى ياندى، كۇڭ چىڭدې بۇنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال توسمىغا بېرىپ، كېچە - كېچىلەپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ توسمىنى ساقلىدى.

2006 - يىلى، سەپەر ئوغلىنىڭ تويىنى قىلدى، شۇ كۈنى سەھەردە كۇڭ چىڭدې تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ دەرۋازىسىنى چېكىپ: «بۈگۈن چوڭ جىيەنىمنىڭ تويى، چوقۇم ئالدىراش بولۇپ كېتىسىلەر، مەن ياردەملىشىدىغان نېمە ئىش بار؟» دېدى. كەنتتىكى مېھمانلار ئايىغى ئۈزۈلمەي سەپەرنىڭ ھويلىسىغا كىرىشكە باشلىغاندا، كۇڭ چىڭدې ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ سالاملىشىپ، چاي قۇيدى، سۇ سۇندى.

چوڭلارنىڭ تەسىرىدە، كۇڭ چىڭدېنىڭ ئوغلى كۇڭ فەنجۈن بىلەن سەپەرنىڭ ئوغلى پەرھات سەپەرمۇ ناھايىتى يېقىن دوست بولدى، ئىككىيلەن كىچىكىدىنلا بىللە ئوقۇدى، بىللە ئوينىدى، شالبۇلاق كەنتىدىكى پېشقەدەم كەنت ئاھالىلىرى بۇ قېرىنداشلارنىڭ بالىلىقتىن قۇرامىغا يېتىپ، توي قىلىپ بالىلىق بولۇشىغىچە گۇۋاھ بولدى.

ئىلگىرى كەنتتە ئۇلار سايىدەك بىر - بىرىدىن ئايرىلمايتتى، ھازىر، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئونسۇ ناھىيە بازىرىدا يەنە قوشنا بولدى. كۇڭ چىڭدې ئائىلىسى ناھىيە بازىرىدىكى ۋېنشىن گۈللۈكىدىن ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن، سەپەر ئائىلىسىمۇ ۋېنشىن گۈللۈكىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە ئالدى. ئۇلار، بىللە تۇرساق ئاندىن خۇشال بولىمىز دېيىشتى.

«دادام بۇ يىل دىيابېت كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، ئۆيىمىزدىكىلەر بىر تەرەپتىن دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، كۇڭ فەنجۈن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال خوتۇنى بىلەن بىللە كېلىپ ئائىلىمىزنىڭ يەر ئاغدۇرۇش، زىرائەتلەرنى پەرۋىش قىلىش، ئوغۇتلاش، ئۇرۇق چېچىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بۇنىڭ بىلەن ئېتىز ئىشى ئاقساپ قالمىدى، مانا ياخشى قېرىنداش مۇشۇنداق بولىدۇ» دېدى پەرھات.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4