ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە 3189 نۆۋەت جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بۇ يىللىق 240 - نۆۋەت جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى 2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، 3189 نۆۋەت جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى.

تۆت يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چېگرا سىرتىدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، تىرانسپورت لىنىيەسى ۋە تىرانسپورت لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، كۆلەملەشكەن تىرانسپورت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى تارقاق يۈك مەنبەلىرىنى يۈكنىڭ توشۇلۇش يۆنىلىشى بويىچە يىغىپ توپلاپ، يىغىپ توشۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۆزئارا ۋاگون تولۇقلايدىغان، پارچە - پۇرات يۈكلەرنى ئۈرۈمچىدە يىغىپ ماڭدۇرىدىغان تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۈكلەرنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، «ئۆمەك تەشكىللەپ دېڭىزغا چىقىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. چوڭ خېرىدارلارنىڭ سىجىل بولغان يۈك تىرانسپورت ئېھتىياجىغا قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى نۇقتىدىن نۇقتىغا قاتنايدىغان مەخسۇس پويىزنى يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر بېكەتلىك بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پائال تۈردە تاموژنا، چېگرا سىرتىدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەيدان، بېكەت تەشكىللەش، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلارنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خېرىدارلارنى ئامباردا ساقلاش، ئايرىش، يۆتكەپ توشۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا تىرانسپورت، رەسمىيەت بېجىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان قىيىنچىلىقلارنى ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. «بىز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تىرىشىپ بۇ يىل 1000دىن ئارتۇق نۆۋەتچى پويىزنى قاتناتقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى شىنجاڭ دالۇچياۋ (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنايدىغان لىنىيە 21گە يېتىپ، 23 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان، توشۇلىدىغان يۈك ئەڭ دەسلەپكى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىيىم - كېچەك مەھسۇلاتلىرىدىن ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، تۇرۇبا، پار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق 200دىن ئارتۇق تۈرگە كېڭىيىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە كۆلىمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4