دىققەتنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز شى شىن

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى چوقۇم ئالاھىدە بولىدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور سىنىقى ئالدىدا، قانداق قىلغاندا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ زور قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يۇقۇمدىن ئىبارەت «قوشۇمچە ئىمتىھان سوئالى»نى ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا ئىقتىسادنىڭ «يۇقىرى سۈپىتى»نى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟

يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇ تېمىنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزەتتى، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە نەزەر سالدى، ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىشەنچ ۋە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەنمەكتە، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان ئېتىقاد ۋە كۈچ جۇشقۇنلىماقتا.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇشنى، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا، جۇڭگودا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»تىن «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قىچە بولغان جەرياندا ئېنىق، كۈچلۈك سىگنال ۋە ھەرىكەت كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، ئىشەنچنى ئۇرغۇتتى.

«خىرىس بىلەن پۇرسەت ھامان تەڭ پەيدا بولۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، خىرىسنى يېڭىشنىڭ ئۆزى پۇرسەت. پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز پەقەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىزچىللاشتۇرساقلا، ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىيەلەيمىز، شۇنداقلا بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى ئىشەنچ ۋە ئاچقۇچ» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم جۇڭگو ئىقتىسادىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ. ھازىرقى تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، ئەۋزەللىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئېنىق تونۇپ، دىققەتنى كارخانىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.

ۋاقىت بىلەن بەسلەشكەن، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىشقان بۇ مەيدان «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە «قاتتىق بولۇش» بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى «جانلاندۇرۇش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، تەدبىر ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

شىنجاڭنىڭ 1 - پەسىلدىكى ئىقتىسادىي ئايلىنىش سانلىق مەلۇماتى سىرتقا ئاكتىپ، كۈچلۈك تەرەققىيات سىگنالى تارقاتتى − GDP ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 تۆۋەنلەپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 6.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مۇقىم باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بۇ مۇساپىگە قاتناشتى ۋە گۇۋاھ بولدى! كۆپچىلىك بىر نىيەتتە قول تۇتۇشتى، يۈز مىليونلىغان يۈرەك ئوخشاش رىتىمدا سوقتى، جۇڭگونىڭ كۈچى پولاتتەك مۇستەھكەم، يىمىرىلمەيدۇ!» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ شۆفېڭ پەن - تېخنىكا (گۇرۇھى)پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش - قوغداش بۆلۈمى پىستان سېخىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇسا مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا!

«ئومۇمىي خەلق <يۇقۇم>غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى، كۈچىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەددى تېخىمۇ تىكلەندى» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز غەيرىتى ئۇرغۇغان ھالدا!

«پارتىيە ۋە دۆلەت باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، قەرز پۇلى تارقىتىش، ئەمگەك مۇلازىمەت ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى چىقاردى، شىنجاڭ خۇالىڭ سودا - سانائەت(گۇرۇھى)چەكلىك شىركىتى بۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكۈچى. ئالاقىدار تارماقلار بىزنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ھەققى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، باسقۇچ خاراكتېرلىك توك ھەققىمىزدىن جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەكنى كېمەيتتى ۋە كەچۈرۈم قىلدى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلىدىن 270 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىپ بەردى... بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش، بازارنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خۇالىڭ سودا - سانائەت(گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مى ئېنخۇا مىننەتدارلىق بىلەن!

ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىش

مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا. «بۇ يىلدىن بۇيان، بىز تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، <ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش> <ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش> تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ، مۇقىم مەبلەغ سېلىپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، تۈر يېتەكچىلىكىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدۇق.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىدە پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 1035ى يولغا قويۇلماقچى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 231 مىليارد 214 مىليون يۈەن، يىللىق پىلانلانغان سېلىنما 61 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %10تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلدى. ھازىر، «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس تەييارلاش، بىر تۈركۈمنى پىلانلاش» پىكىر يولى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

گەرچە يۇقۇم ئەنئەنىۋى ئىستېمال ۋە كەسىپلەرگە بىرقەدەر زور زەربە بولغان بولسىمۇ، لېكىن توردىكى ئىستېمال ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى بوشلۇق ئاچتى.

«يۇقۇمنىڭ قىستىشى بىلەن، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزە تېز تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا يېڭى، غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشتى، سانائەت ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى ھەم غايەت زور تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈردى» دېدى ئەزا مى ئېنخۇا.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ كارخانىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق، توردىكى پارچە سېتىش سوممىسىنى 4 مىليارد 440 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.1 ئاشۇردى.

ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ بىر ئۇچى پۇقرالارنىڭ تاماق قاچىسىغا، بىر ئۇچى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا چېتىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىدە ھازىرقى قىيىن نۇقتا، ئاغرىش نۇقتىسى نىشانلانغان بولۇپ، ھەممىسى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىدە ئەڭ ئالدىغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. قەشقەر ۋىلايىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى تولۇق قېزىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

«<ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش> خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، <ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش> ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بۇ يىللىق ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز، شۇنداقلا نورمال ئايلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ. بىز دىققەتنى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سۈپەتنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، خېرىدار باشقۇرۇش، مەبلەغ ئېقىمى قاتارلىقلارنى ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرىدە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ئەزا ۋۇ گاڭ.

پەيتنى قولدىن بەرمەي، تەرەققىياتتىكى «جەزمەن جاۋاب بېرىش سوئالى»غا ياخشى جاۋاب بېرىش

بۇ يىل ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، ئاچقۇچلۇق پەيتتە «دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغۇچە يۇرتىغا قايتمايدىغان» كۈرەش ئىرادىسى تېخىمۇ بولۇشى، يۇقۇمدىن ئىبارەت «قوشۇمچە ئىمتىھان سوئالى»نى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت «جەزمەن جاۋاب بېرىش سوئالى»غا ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك.

«تاشقى مۇھىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن مۇنداق دېدى: ھازىر، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىنىڭ شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %100كە يەتتى، شىركىتىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئەزا مى ئېنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كارخانا تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى، لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغاچقا، بىزدە قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بار بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، خۇالىڭ گۇرۇھى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ نۇقتا بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىم كەسىپلىرىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تىرەك قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى زامانىۋى بىرلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان چارۋىچىلىق فېرمىلىرى، بىرلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان زاۋۇتلار ھەم تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلە سۇپىسى مۇلازىمىتىنى تۇتقا قىلىپ، «چارۋىچىلارنى بېيىتىش - دېھقانلارنى روناق تاپقۇزۇش، يېمەكلىكنى بىخەتەر قىلىش - خەلقنى ساغلام قىلىش»نى بۇرچ قىلىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

تىجارەت - سودا مۇھىتىدا «باشلامچى قەدەم»نى ياخشى ماڭغاندىلا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت «پۈتۈن تاختا شاھمات»نى جانلىق ئوينىغىلى بولىدۇ. ۋەكىل نىياز ھاشىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت، تېخىمۇ قاتتىق كۈچ چىقىرىپ تەرەققىيات يۇمشاق مۇھىتىنى ياخشى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى تەرەققىياتقا قارىتىمىز.

«ئىسلاھاتقا تايىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك».

«ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك».

«تىرىشىپ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، جابدۇق يېڭىلاش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك».

...

تاغ - دەريالاردىن ھالقىغاندا، داغدام يولدا يىراققا بارغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا تېزدىن كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالىمىز.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4