تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئالغا سىلجىتىلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي

5 - ئايدىكى شىنجاڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، بۇ جۇشقۇنلۇق «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»دىن مەمنۇن بولۇشتا گەۋدىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «بايلىق»تىن ئىبارەت بۇ نەتىجىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئادەملەر يېشىل تاغلارغا يۈز كېلەلىسە، يېشىل تاغلارمۇ ئادەملەرنى چوقۇم نائۈمىد قويمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش ئالدىنقى شەرتىدە، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا يېشىل تەرەققىياتنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

باغ - ئورمانچىلىق پارلاق نۇر چاچتى

ئۆرۈك چېچىكى باھاردىن خەۋەر بەرگەندىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى 18 مىليون مو ئەتراپىدىكى باغ - ئورمان چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەر، ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار، ساياھەتچىلەرنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى. بۈگۈنكى كۈندە باغ - ئورمانچىلىق شىنجاڭنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، تەۋرىنىپ تۇرغان يېشىللىق شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بۇلتۇر گۇما ناھىيەسىنىڭ گۇما بازىرى ئوتتۇرا قاش كەنتىدىكى باغۋەن ئوسمان نۇر ئائىلىسى 4.5 مو ياڭاقلىقىدىن مول ھوسۇل ئالدى. «كەنتتىكى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئائىلىمىزنىڭ ياڭاق سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ياڭاقنىڭ دانىسى يوغان، باھاسىمۇ ياخشى بولدى» دېدى ئوسمان. ئوسماننىڭ ياڭاقلىقى خوتەن ۋىلايىتىدىكى 3 مىليون مودىن ئارتۇق باغ - ئورمانچىلىق كەسپىدىكى ئىنتايىن كىچىك كۆلەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەل مۇشۇ بىپايان يېشىل دېڭىز تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز جەنۇبقا سۈرۈلۈشىنى توسۇپ قالدى.

بارغانسېرى كۆپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراشتا قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كۆكيارنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قۇملىشىشنى تۈزەش مۇساپىسى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭىدىن كۆپەيتىپ بىنا قىلىنغان ۋە قاشالاپ يېتىشتۈرۈلگەن 4 مىليون مو يەردىكى ئورمانلىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئارىسىدىن بايلىق ئىزدىشىنى كۆپ خىل يول بىلەن تەمىنلىدى.

2016 - يىلى، ئاقسۇ تىيانشان شېنمۇ مېۋىچىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەسلىدىكى ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى ئاساسىدا تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلىپ قۇرۇلدى، كارخانا مېۋىلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشكە باشلىدى. «مۇھىت ھەممىدىن مۇھىم، بىز پۈتۈنلەي بىيوئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىمىز، پۇتاشنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىمىز، مېۋىلەرنىڭ بىردەكلىكى كۈچلۈك بولدى، شۇڭا تاۋارلىشىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز بازارنى ئەمەس، بەلكى بازار بىزنى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى» دېدى شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جاڭ يۇڭ.

تەبىئىي ئورماننىڭ قىممىتى قاتلاندى

سۈنئىي ئورمان ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىپ، بايلىقنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، تەبىئىي ئورماننىڭ قىممىتىمۇ تولۇق نامايان بولدى. «تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تەبىئىي ئورمانلار ئومۇميۈزلۈك قوغدىلىپ، مۇزلۇقنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇپ ئوكسىگېن قويۇپ بېرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز رول ئوينىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەبىئىي ئورماننى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى شياۋ جۇڭچى.

شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» كۆز ئالدىدىكى پاكىت ئىدى. ئورمان باغچىسى ئەسلىدە شىخو ئورمانچىلىق مەيدانى ئىدى، دۆلەت تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئورمانچىلىق مەيدانى ياغاچ كېسىشتىن ئورمان بايلىقىنى قوغداشقا ئۆتۈشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى ئورمانچىلىق مەيدانىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشى تېپىپ بەردى.

2015 - يىلى، شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلدى. 2017 - يىلى، شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى شىخو شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «ئورمان ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ئۆتىڭى»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەۋزەل ئورمان ئېكولوگىيە مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپلەشكەن ساغلاملىق - كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، خاسلىققا ئىگە ساياھەت مۇلازىمىتى بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

«95 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ساۋ لېمېڭ «3 - ئەۋلاد ئورمان خىزمەتچىسى» بولۇپ، بوۋىسى دەرەخ كەسكۈچى، دادىسى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئىدى، ئۇ ئورمان باغچىسىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، ھەر كۈنى تاغ - ئورمان ئارىسىدىكى گۈللەر ئارىسىدا خىزمەت قىلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.

يالغۇز شىخو ئورمانچىلىق رايونىدىلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭدا قاناس، نارات، تىيانشان بوغدا كۆلى، كۆكتوقاي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ساياھەتچىلىك سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى رايونلىرىدا. شىنجاڭ تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى، مول ئورمان بايلىقى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى پۇختا ئاساسقا ئايلاندى.

ساياھەتچىلىك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلدى

يۇرت - ماكاننىڭ گۈزەل، پاكىز بولۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتى؛ «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى؛ دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى مىليون مولۇق ئىككى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى؛ ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىلدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.

قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى بىر ئەگرى - بۈگرى تاغ جىلغىسى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ شۇ جايدا ئانچە نامى يوق، لېكىن جۇڭگو دالا ئېكسپېدىتسىيە ساھەسىدە خېلى نامى بار. قۇتۇبى دەرياسى چوڭ جىلغىسىدىن جەنۇبقا قاراپ كېسىپ ئۆتۈپ خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بالغۇنتاي رايونىغا تۇتىشىدىغان بۇ پىيادە مېڭىش لىنىيەسىنىڭ نامى بۆرە مۇنارى C لىنىيەسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 120 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىنتايىن يۇقىرى قىيىنلىق دەرىجىسى، مول يەر شەكلى مەنزىرىسى نۇرغۇن ئېكسپېدىتسىيە ھەۋەسكارلىرىنى بەكلا تەلپۈندۈرىدۇ. بۇ ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىنىڭ يالغۇز كىشىلىك خىراجىتىلا 8000 - 7000 يۈەن ئەتراپىدا.

شىنجاڭ ئالاھىدە ساياھەتتىكى گۈزەل ماكان، دەپ ئاتىلىدۇ، بۆرە مۇنارى لىنىيەسىدە پىيادە مېڭىشنى ۋەكىل قىلغان ئالاھىدە ساياھەت بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ناھايىتى قىزىپ كەتكەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىن باشقا يەنە ئۆي ئاپتوموبىل ساياھىتى، تاغقا چىقىش، لەيلەپ ئېقىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئېكسپېدىتسىيە، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدە ساياھەت تۈرلىرى بار، ئالاھىدە ساياھەت ئادەتتىكى ساياھەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئاجايىپ تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى.

بۇلتۇر شىنجاڭدا ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، قاناستىن ناراتقىچە، بايىنبۇلاق يايلىقىدىن باغراش كۆلىگىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق نادىر شەھەر ساياھىتىدىن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يۆلياڭدى كەنتىدىكى قەدىمىي كەنت يېزا - كەنت ساياھىتىگىچە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، مۇكەممەللىشىپ، ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا ئېكولوگىيە بايلىقى ئۈزلۈكسىز ئېكولوگىيە مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى نامايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4