تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش

2020 - يىلىغا بارغاندا، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، جەزمەن قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ھېچقانداق چېكىنىش يولى ۋە ئېلاستىكلىق يوق.

− شى جىنپىڭ

[ئىستون سۆزى]

ۋاقىت ئىسترېلكىسى 2020 - يىلىنى كۆرسەتتى، بۇ بىر يىلدا بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جاسارەت بىلەن ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى پۈتۈۋاتىمىز. ھەل قىلغۇچ جەڭ يىلىدىكى شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، گېزىتىمىز «باش شۇجىغا دوكلات. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىمىز» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن تاراتقۇ شەكلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە بېرىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، 1 - شۇجىلار بىلەن نامراتلارنى يۆلەش، كىرىمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆزلىشىپ، نامرات ئائىلىلەر بىلەن ئىشەنچ، ئۆزگىرىش توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتەك جانلىق كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز ليۇ يى، جوۋ پېڭ، ليۇ يىمىڭ، نيې نىڭ

«ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى <ھەيدەكچىلىك قىلىش>نىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، تېخىمۇ مۇھىمى قوماندانلىق قىلىش دېگەن مەنىسى بار» «<ھەيدەكچىلىك> قىلىشقا تايىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلدىكى <جەڭ>نىڭ يۆنىلىشى، تەدبىرى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇلدى، تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى»... باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن جەڭنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق رەتلەپ چىقتى ھەم ھەل قىلىش لايىھەسىنى بىرمۇبىر ئوتتۇرىغا قويدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە بىرىنچى سەپكە قاراش −

«بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى قارادۆۋە كەنتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلاردىكى كۆپ قىسىم كەنتلەرگە ئوخشاش، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تايانغاندا بىر قىسىم دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، بېيىش تەلىپىگە يېتىشتىن خېلى يىراق.

مۇقىم كىرىم مەنبەسىنى كۆپەيتىشتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېنىقكى ئەڭ رېئال، ئەڭ ئۈنۈملۈك يول. ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر كۈچنى بىرىكتۈرۈپ قارادۆۋە كەنتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىشىگە نۇقتىلىق تۈرتكە بولدى.

«ئىش ئورنى كەمچىل بولۇش، تېخنىكا كەمچىل بولۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ تولۇق بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، شۇنداقلا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈك.» 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ قارادۆۋە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ يۈمەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كەنتكە ياردەملىشىپ ئېھتىياجنى ئىگىلەش، تەربىيەلەشنى تۇتۇش، كەسىپ يېتىلدۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتۇق. «نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 797 ئادەمگە يېتىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىلگىرى پۈتۈن كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چەكلىگەن قىيىنچىلىقلار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى».

«قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىشتا <دەل جايىدا بولۇش> باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك.» ۋاڭ يۈمەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا تەربىيەلەش مەزمۇنىنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «تەربىيەلەش مەزمۇنىنى ئامما ياقتۇرماسلىق، ئامما ياقتۇرغاننى تەربىيەلىمەسلىك»تەك ئوڭايسىز ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش بولدى. تەربىيەلەشنى تۇتۇش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچى ئۆستۈرۈلدى، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق يېتەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىندى. بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىدە دىققەت «دەل جايىدا بولۇش» دېگەن سۆزگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قىسىم كونا مەسىلىلەر قايتا - قايتا ئائىلىلەرگە كىرىش، تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش داۋامىدا ھەل قىلىندى.

ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا توختالدى −

مەيلى قانداقلا «ھەيدەكچىلىك» قىلىنسۇن، مۇھىم نۇقتا يەنىلا «جەڭ» قىلىشتا

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مەيلى قانداقلا <ھەيدەكچىلىك> قىلىنسۇن، مۇھىم نۇقتا يەنىلا <جەڭ> قىلىشتا.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى بىن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەم سانغا قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتكە قاراش كېرەك، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى پۇختىلاش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاساسلىق تۇتقا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

«نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى مۇساپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.» لى بىن مۇنداق قارىدى: ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «ھەيدەكچىلىك قىلىپ»، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ قىلىپ»، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ھەم تاشقى جەھەتتىن «قان بېرىش»نى كۈچەيتىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىچكى جەھەتتىن «قان ئىشلەش»نى قوزغىتىش، بۇنىڭ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

كەشتە تىكىش گۇمپىسىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى پۇختا تۇتۇش

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغانغا ھۇجۇم قىلىشتا، كەشتە تىكىش گۇمپىسىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى پۇختا تۇتۇشقا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ.» شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئىلزات زادە مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە چىشنى چىڭ چىشلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئاخىرغىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

«جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا قاتتىق ئىستىل بولغاندىلا، ئاندىن <بەخت سۈرىتى>نى كەشتىلىگىلى بولىدۇ.» ئىلزات زادە مۇنداق قارىدى: «ھەيدەكچىلىك» قىلىشتا ياخشى قوماندان بولۇش، «جەڭ» قىلىشتا ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك. ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئىمكانقەدەر تېز تازىلاپ نۆللەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىمكانقەدەر تېز ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش جەريانىدا، ھازىرقى نەتىجىگىلا قارىماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يىراق كەلگۈسى نەتىجە - ئۈنۈمگە قاراش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا مەن قىلالايمەن −

«ئىش ئورنۇم بار بولدى، بۇ يىل چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمەن»

بۇ يىل قارادۆۋە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەتقۇربان ئابدۇراخمان بىلەن خوتۇنى تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتتى. تېرىلغۇ يەر ۋە پارنىكنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، مەتقۇربان شۇ جايدىكى بىر توشقان باقمىچىلىق كارخانىسىدا تېخنىك بولدى، خوتۇنى باقمىچى بولدى.

«ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ناھايىتى ئەمەلىي بولدى، نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، بىزمۇ خىزمەت تاپتۇق.» 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەتقۇربان مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش ۋە زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئەر - خوتۇن ئىككىلىمىز يېڭى ماھارەت ئۆگەندۇق، كارخانىغا بېرىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇق.

ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى كەمچىل بولغاچقا، بىر يىل بۇرۇن مەتقۇربان پەقەت پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ كۈن كەچۈرەتتى، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى. بۇ يىل، ئۇ كەنتكە كارخانىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا پۇرسەتكە ئېرىشتى، بۇ ئۇنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى.

«ئىش ئورنۇم بار بولدى، بۇ يىل چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمەن.» مەتقۇربان يەنە خوتۇنى بىلەن بىر توشقان باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، بىللە پۇل تېپىپ، بىللە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4