جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 100 مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى كۆرۈش كېرەككى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئۆزگىرىش يۈزبەردى، ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا يۈزلەندى، بۇ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ بازار سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، بازارنىڭ يېتىلىشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى تولۇق راۋانلاشمىدى، يەنە بازارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى يېتەرلىك بولماسلىق، مۇھىم ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشى راۋان بولماسلىق، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمى يۇقىرى بولماسلىق، مىكرو ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يەنىلا خېلى كۆپ تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇسى مەۋجۇت، جەزمەن ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدىكى ئاچقۇچ خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك مۇھىم، زور ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاندىن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئۇنىڭ باشقا تەرەپلىرىدىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ تۇراقلاشقان يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ھازىر پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«پىكىر»نىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسىنى قۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش، مۇھىم ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، باھا ئىنكاسىنىڭ جانلىق بولۇشى، رىقابەتنىڭ ئادىل، تەرتىپلىك بولۇشى، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنىڭ تاللىنىشى، ناچارلىرىنىڭ شاللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈم جەھەتتىكى تەمىناتنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە، ئۈستقۇرۇلمىنى ئىقتىسادىي بازىسقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش.

«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسىي پىرىنسىپ: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش بىلەن بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش.

«پىكىر» جەمئىي سەككىز جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەنى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش؛ بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈمىنى پۇختىلاپ، بازار ئادىل رىقابىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە بازار ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش؛ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ماكرو ئىگىلىك ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇن - تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4