بوران - چاپقۇندا توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلەش

− پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن پەيتتىكى خاتىرىلەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

ئىنسانلار مىلادىيە 2020 - يىلىغا قەدەم قويدى، تارىخقا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان يەنە بىر سەھىپە پۈتۈلدى.جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىۋاتىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىۋاتىدۇ؛ دۇنيادا، يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز بىر مەيدان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىدى.

جۇڭگو قانداق قىلىدۇ؟ دۇنيا قانداق قىلىش كېرەك؟

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ تارىخىي خاراكتېرلىك تاللاش چىقاردى: «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» ئارقىلىق ھەممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملىدى، پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى توپلاش ئارقىلىق ئېغىر، زور يۇقۇم بىلەن ئېلىشتى، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» ئارقىلىق ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدى.

قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە غايەت زور قۇربان بېرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، يەر شارىۋى «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىغا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، بىز چوقۇم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك».

چوڭ سىناق ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي خىسلىتى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

چوڭ سىناق ئالدىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

چوڭ سىناق ئالدىدا، يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇشتەك قۇدرەتلىك كۈچ توسالغۇسىز بولدى.

چوڭ سىناق خۇددى ئەينەكتەك ئەۋزەللىكلەرنى يورۇتتى، شۇنداقلا كەمتۈكلۈكلەرنى ئاشكارىلىدى.

«يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش دەل دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

چوڭ جەڭدىن تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەندە، چوڭ سىناقتىن ئەقىل - پاراسەت، كۈچ - قۇدرەت قوبۇل قىلغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، بوران - چاپقۇندا توسالغۇسىز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4