دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇقىم يولغا ئايلاندى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز 5 - تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئۈلگىلىك كوپىراتىپلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، 122 ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئۈلگىلىك كوپىراتىپ 1534كە يەتكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ھەمكارلىق ساھەسى كېڭىيىش، زەنجىرى ئۇزىراش، كۆلىمى كېڭىيىش، مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۈچىيىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

مالىيە، باج، كىرېدىت، يەر ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. يېزا ئىقتىسادى تارمىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئومۇمىي سانى 26 مىڭ 424 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك كوپىراتىپ 176، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەمەلىي ئەزاسى 456 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئەزا 447 مىڭ كىشى ئىكەن.

تىجارەت ساھەسىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تىجارەت ساھەسىدە ئاشلىق، پاختا، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئۆسۈملۈك ئاسراش، ئەل ئىچى ھۈنەر - سەنئەت، ساياھەت، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كۆپ ساھە، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىگە قاراپ كېڭىيىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن باشقا، پىششىقلاش ئەمەلىي گەۋدىسى قۇرغان، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قانات يايدۇرغان، ئىستىراھەت ساياھىتى ۋە ئەل ئىچى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى 949غا كۆپىيىپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يېزىلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە قاراپ كېڭىيىۋېتىپتۇ.

مۇلازىمەت شەكلىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنىمۇ كېڭەيگەن. ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى 7978گە، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغانلىرى 4263كە، ئامباردا ساقلاش ھەم توشۇش - سېتىشنى ئاساس قىلغانلىرى 1050كە، پىششىقلاش مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغانلىرى 1512گە يەتكەن.

تەرەققىيات شەكلىدىن قارىغاندا، ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى تەرەققىي قىلىپ 185كە يەتكەن، تەرەققىيات يۈزلىنىشى «يالغۇز ئېلىشىش»تىن «بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش»قا ئۆزگەرگەن. 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 4 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە، يۇقىرىغا تاپشۇرغان باج ئومۇمىي سوممىسى 71 مىليون 460 مىڭ يۈەنگە، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 830 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلانغان.

«دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يۇقىرىدا باشلامچى كارخانىلار بىلەن، تۆۋەندە ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرى ۋە ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بىلەن بىرلىشىشى ئىستېرېئولۇق، بىرىكمە تىپلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ تەشكىلىي ئاساسى بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسىدىكى مۇستەھكەم رىشتە، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقىم يولغا ئايلاندى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيەن ۋېنشىن مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى مىسلىسىز چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىكتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە تۈپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولماقتا».

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4