ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى

بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر ئۈنۈم كۆرۈش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار نۇقتىلىق تۈرلەردە «بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر ئۈنۈم كۆرۈش»نى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتقان، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 4536 تۈرنىڭ جەمئىي 4069ىدا يېڭىدىن ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %89.7كە يەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 190 نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر يېرىم ئاي ئالدىغا سۈرۈلگەن. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش سىجىللىقى تەدرىجىي زورايتىلىپ، سېلىنمىنى تاماملاش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، تۈر قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئىلگىرىكى يىللاردىكى نورمال سەۋىيەدە ئەسلىگە كەلگەن. نېفىت، تەبىئىي گاز، ئوت ئېلېكتىر، سەھىيە، تەنتەربىيە، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، مەدەنىيەت، ساياھەت، سۇ ئېلېكتىر قاتارلىق توققۇز ساھەدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى بىرقەدەر تېز بولغان.

يېڭىدىن ئىش باشلانغان 80 تۈردە ئىش باشلاش ئالدىن بېكىتىلگەن پىلاندىكىدىن ياخشى بولغان. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي بايلىق، سۇچىلىق، ئورمانچىلىق - ئوتلاق، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالتە تارماق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئالدىنقى قارارلىق خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىش ئارقىلىق، يېقىنقى مەزگىلدە جەمئىي 64 مۇھىم، زور تۈرنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمىتىدىكى بوغۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە يېڭىدىن ئىش باشلاش، قۇرۇلۇش قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللاش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشتىكى تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەبلەغ مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈرگەن. ھازىر، مەركەز خامچوتى ئىچىدە 23 مىليارد 300 مىليون يۈەن سېلىنما ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومىدىن 51 مىليارد 600 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرلەشمە جەڭ قىلىش كۆلەم ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تۈر سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن. ئاپتونوم رايون 300 مىليارد يۈەن سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش مەخسۇس تۈر قەرز پۇلى تەسىس قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈر مەبلىغى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايون جەمئىي ئورۇنلاشتۇرغان نۇقتىلىق تۈر 390، ئومۇمىي سېلىنما 1 تىرىليون 678 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، 260 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سېلىنمىنى تاماملاش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 190، ئومۇمىي سېلىنما 792 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، 2020 - يىلى 221 مىليارد 600 مىليون يۈەن سېلىنمىنى تاماملاش پىلانلانغان؛ يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 80، ئومۇمىي سېلىنما 134 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2020 - يىلى 38 مىليارد 800 مىليون يۈەن سېلىنمىنى تاماملاش پىلانلانغان، زاپاس تۈر 120 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 752 مىليارد 400 مىليون يۈەن مۆلچەرلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4