ئاپتونوم رايونىمىزدا شەخسلەر ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل سوممىسى 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەت چىقىرىپ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل مەدىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قەرز پۇل سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلتىماس قىلىش بۇسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىش، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، قەرز پۇل ئېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىياسەت، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەر ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل سوممىسىنى 150 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەر ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىغا قارىتا، قەرز ئالغۇچىلار شېرىكلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بولسا، شېرىكلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن قەرز پۇل سوممىسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشكە بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەر قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %10ىدىن ئاشمايدىكەن.

ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش بوسۇغىسىمۇ تۆۋەنلىتىلگەن. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ شۇ يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملىرىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن %15كە چۈشۈرۈلگەن، 100 ئادەمدىن ئاشىدىغان كارخانىلارنىڭ %8كە تۆۋەنلىتىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى بىلەن قاپلىنىدىغان كىشىلەر توپىنى كېڭەيتتى، 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن يېڭىدىن تارقىتىلىدىغان قەرز پۇل تۆۋەندىكى كىشىلەر توپىنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭ ئۇچرىغان توپ، پارچە سېتىش، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، ئەشيا ئوبوروتى، تىرانسپورت، مەدەنىيەت ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلغان يەككە سودا - سانائەتچىلەر؛ قەرز ئېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ مەخسۇس ئىجارىگە بېرىش تىجارىتىگە ئىشلەتكەن شەخسلەر؛ قەرز ئېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ تور تاكسى چاقىرىش سۇپىسىغا كىرگەن مەخسۇس ۋەزىپىدىكى شوپۇرلار؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاكسى، توردا تاكسى چاقىرىش كارخانىسى ياكى ئۇنىڭ بالا شىركىتى؛ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان ھەم قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بولغان شەخسلەردىن يۇقۇم مەزگىلىدە تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىرى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنى يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، «بىر بېكەت شەكلىدىكى» مۇلازىمەت يولغا قويۇلۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، كېپىللىك ئاپپاراتلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلىگەن شەخسلەر ۋە كارخانىلار ئىمكانقەدەر تېز بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4