شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، ئافرىقىدا يۇقۇم تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ يامراۋاتىدۇ. سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى بىر قاتار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق جەنۇبىي ئافرىقىنى قەتئىي قوللاپ ۋە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ داۋالاش - سەھىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلاردىن. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن يۇقۇم ۋە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىدەك قوش بېسىمنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ، ئۆزى يەنىلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتەك غايەت زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، كۆپ تۈركۈم قېتىم ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى زور مىقداردىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، پائال تۈردە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئافرىقا تەرەپ بىلەن مۇتەخەسسىسلەر سىن يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تېخنىكىسى ئالاقىسىنى تولۇق قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاشنى زورايتىشىنى ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ «قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسى»غا پائال قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تەقدىرداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئافرىقىدىكى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش جەريانىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

رامافۇسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشقا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، ياخشى. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى داۋاملىق تۈردە قىممەتلىك ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەقىقىي دوستى ۋە قىيىنچىلىق، خىرىسقا دۇچ كەلگەندە تايىنىشقا بولىدىغان ھەمراھى. ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇۋاتقان پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، داۋاملىق تۈردە ۋېنگىرىيە تەرەپكە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان ۋېنگىرىيە خەلقى چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ۋېنگىرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشنى، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى قەتئىي توسۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش سىنىقىنى باشتىن كەچۈردۇق، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، ھەمكارلىق ئىستىقبالى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال پىلانلىشى، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلىشى، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەن يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سىز بىلەن بالدۇرراق كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

ئوربان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقى جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلدى، مەن بۇنى تەبرىكلەيمەن. ۋېنگىرىيە خەلقى جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق ياردەملەر بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ۋېنگىرىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپ يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەردە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بۇ ۋېنگىرىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ئىلگىرىكىدەكلا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى − جۇڭگو ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم