شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كورېيە زۇڭتۇڭى، سىرى لانكا زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو - كورېيە ئىككى دۆلەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى. يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو بىلەن كورېيە باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، ئۆزئارا قوللىدى، ئۆزئارا ياردەم بەردى. جۇڭگو بىلەن كورېيە باشلامچىلىق بىلەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆزئارا يۇقۇمنىڭ «نۆل كىرىش» رېكورتىنى ياراتتى. ئىككى تەرەپ يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، باشلامچىلىق بىلەن مۇھىم، زۆرۈر خادىملار بېرىش - كېلىش قىلىدىغان «تېز، قولاي يول»نى ئېچىپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروت زەنجىرىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى مول نەتىجە - ئۈنۈم بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، «ياخشى قوشنىلار ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز» دېگەن داۋلىنى چۈشەندۈردى، يەنە پۈتۈن يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلاپ، ھەمكارلىق ئۈلگىسى تىكلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن داۋاملىق بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان دوستانە يېقىن قوشنىلار. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش جەھەتتىكى ئورتاق مەنپەئىتى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش بوشلۇقى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ. مەن جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشنى، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.

ۋېن زەييىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن، پات يېقىندا ئېچىلىدىغان جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئالدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن! كورېيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەپەككۇرى ۋە تەدبىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ باشلامچىلىق بىلەن «تېز، قولاي يول»نى ئېچىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى، شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىش، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە سىرى لانكا زۇڭتۇڭى گوتابايا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، سىرى لانكا جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر جۇڭگو تەرەپنى پائال قوللىدى، قەلبنى ئىللىتىدىغان نۇرغۇن ھەرىكەتلەر كىشىنى تەسىرلەندۈردى. سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، سىرى لانكا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋاملىق قەتئىي قوللاشنى ۋە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. سىرى لانكا خەلقىنىڭ چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سىرى لانكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە سىرى لانكىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگودىكى سىرى لانكا پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ مەيدان قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - سىرى لانكا ئۆزئارا سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم بېرىدىغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىناقلاردىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا يەنە بىر قېتىم يۈكسەلدى. ئىككى تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇ، سىرى لانكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشىدۇ.

گوتابايا مونۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى، جۇڭگو خەلقى ئاجايىپ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلدى. سىرى لانكا - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، سىرى لانكا خەلقى بۇنىڭغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. مەن سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئالقىشلايمەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا رەھبەرلىك رولىنى ئوينىشىنى قوللىغانلىقىڭىزنى قۇۋۋەتلەيمەن. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كولومبو پورت شەھىرى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ سىرى لانكىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: خالىسە ئەخمەت