شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ سېسترالارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى

خەلقئارا سېسترالار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ سېسترالارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى خەلقئارا سېسترالار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ سېسترالارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، كەڭ سېسترالار ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىپ، تولۇق قوراللىنىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، دۆلەت ئىچى - دۆلەت سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان ئالىيجاناب روھنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەرۋىش خىزمىتى سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەڭ سېسترالارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاسراپ، سېسترالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئۇل خىزمىتى سۈپىتىدە تۇتۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر سېسترالارنىڭ ئۇزاق مۇددەت پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللىشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت سېسترالارنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. كەڭ سېسترالارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببىتىنى تەقدىم قىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز