چاقا كەنتى ئاخىر «يېتىشىۋالدى»

[ئاخبارات سىزمىسى]

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى ئەۋەتكەن چاقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى چېن شيۇفېڭ (ئوڭدا) كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز مۇختەر ئەپىرى سىزغان)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز ليۇ شياڭ، ئۆتكۈر نىجات، سۈن يۈن، لۈ يىخەن

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى چاقا كەنتى گەرچە پەيزاۋات ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولسىمۇ، ئەمما مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، ھەتتا ھەممىدىن خەۋەردار بولغىلى بولىدىغان توردا، ئۇلارغا ئالاقىدار ئۇچۇر پەقەت «پوچتا نومۇرى» ۋە «جۇغراپىيەلىك ئورنى» بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى.

بۇ نېمە سەۋەبتىن؟ نامراتلىق!

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چاقا كەنتى ھەمىشە «يېتىشەلمەيدۇ» دەيتتى. ئەجەبا ئىزچىل ئۈن - تىنسىز ئۆتۈش چاقا كەنتىنىڭ قىسمىتىمۇ؟ ھېچبولمىغاندا 1 - شۇجى چېن شيۇفېڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى.

«جاھىل بوۋاي» كۆكتات تېرىدى

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سەھەردە، پەيزاۋات ناھىيەسىدە باھار يامغۇرى ئەمدىلا توختاپ، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى، سەلكىن شامال چىقىۋاتاتتى. ئەتىگەنلىك يىغىنغا يەنە ئازراق ۋاقىت بولسىمۇ، چېن شيۇفېڭ چىغ قالپىقىنى كىيىپ، پۇچقىقىنى تۈرۈپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سىرتىدىكى ئېتىزغا قاراپ ماڭدى.

يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇ تەرگە چۆمگەن، ئىككى قولى لاي ھالدا قايتىپ كەلدى. «چېن شۇجى، يەنە ئوت ئوتىغىلى باردىڭىزمۇ؟» «ئەسلىدە سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ كېلەي دېگەنىدىم، ئەمما ئېتىزلىقتىكى ئوتنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يۇلۇۋەتتىم، بۇ ئادىتىمنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئوخشايمەن!» دەپ جاۋاب بەردى چېن شيۇفېڭ خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ «بىلىپ تۇرۇپ سورىغان سوئال»ىغا چاقچاق قىلىپ.

2018 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، چېن شيۇفېڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى ئەۋەتكەن چاقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئېغىر نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يۈكىنى زىممىسىگە ئالدى. ئۆيمۇئۆي كىرگەندىن كېيىن، چېن شيۇفېڭنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى − كىشى بېشىغا ئاران 1.25 مو يەر توغرا كېلەتتى، خاس ۋە قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى كەسىپلەر يوق ئىدى، ئەمگەك ئىقتىدارى بار كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدە يېتىۋېلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىم قىلىشنى خالىمايتتى...

نامراتلىق مىڭ خىل، جاپا ھەر خىل، نامراتلىق يىلتىزى يەردە ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ كاللىسىدا، چېن شيۇفېڭ بۇ نۇقتىنى ناھايىتى چوڭقۇر بىلەتتى. ھالبۇكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن تەپەككۇردىكى قاتمال ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئاسان ئەمەس ئىدى.

«بىر مو يەردىكى بۇغداي ۋە كۆممىقوناقنى يىل ئاخىرىدا ھېچقانچە پۇلغا ساتقىلى بولمايدۇ، كەنتىمىزدە مېۋە، كۆكتاتنى كۆپرەك تېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى، كۈنلىرىنى بۇ ئازراقلا يېرىگە خورىتىۋەتمەسلىكى كېرەك...»

«كۆكتات تېرىشنى بىلمەيمەن!» «بۇغداينىڭ كىرىمى يۇقىرى ئەمەس، تېجەشلىك بولساقلا ياشىيالايمىز، سىرتقا چىقىپ نېمە قىلىمىز؟» كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا، چېن شيۇفېڭنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن «مۇنازىرە»سى بېسىپ كەتتى. ئۇنىڭ مىجەزى ئەزەلدىن ياخشى بولسىمۇ، ئاچچىقىدا ئۈستەلگە ئۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى.

«ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش»تە ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايتتى، لېكىن ئالدىراقسانلىق قىلىشقىمۇ بولمايتتى. ئۇدۇللا نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلى ئانچە ئۈنۈم بەرمىدى، شۇڭا «دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش»قا ئۆزگەرتىپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى، ئېتىز بېشىدىن ئوچاق بېشىغىچە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە سەۋرچانلىق بىلەن تەپسىلىي داۋلى سۆزلىدى، سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى؛ كەنت كادىرلىرى سۆزلىسىلا كۇپايە قىلمايتتى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بېيىش ماھىرلىرىمۇ ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەتكۈزدى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلار ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلىدى.

«نەچچە ئۆمۈرلۈك گەپنى دەپ بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.» شۇ مەزگىلدە، چېن شيۇفېڭ ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كالپۇكى دائىم قۇرۇپ يېرىلىپ، خېلى كۈنلەرگىچە ياخشى بولالمىدى.

بىر كۈنى، كەنتتىكى «جاھىل بوۋاي» ئەمەت شەمشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئەترىتىگە كېلىپ، كۆكتات تېرىغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ، چېن شيۇفېڭنى ناھايىتى خۇش قىلىۋەتتى. «شۇنچە كۆپ گەپنى بىكارغا دېمەپتۇق، شۇنچە كۆپ خىزمەتنى بىكارغا ئىشلىمەپتۇق!» دېدى ئۇ ھاياجانلىنىپ.

«جاھىل بوۋاي»نىڭ كۆكتات تېرىشنى خالىشى شۇ ھامان كەنتتىكى «خەۋەر»گە ئايلاندى، تېخىچە كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ئاشۇ كەنت ئاھالىلىرى بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ئىنچىكە ئويلىنىپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ: «تېرىيمىز!» دېيىشتى.

تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنىڭ ھەممىسى يەردە قالمىدى

ئەمەلىيەتتە مېۋە، كۆكتات تېرىشتا، باشلىنىشىدىلا چېن شيۇفېڭدا پىكىر يولى بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە سان يوق ئىدى.

كۆڭلىدە سان يوق بولۇشى بۇ تۇپراقنىڭ ئاساسى يوق بولغانلىقىدا ئىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، چاقا كەنتى ئىزچىل تۈردە «يېتىشەلمەسلىك» ھالىتىدە تۇرۇۋاتاتتى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، پەيزاۋات ناھىيەسىدە شىنمېي كەسپى جانلاندى، بىرنەچچە قوشنا كەنت ئۇنىڭغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، لېكىن تۈرلۈك سەۋەب تۈپەيلىدىن، بۇلتۇرغا قەدەر، چاقا كەنتى ئاران 500 مودىن ئارتۇق يەرگە شىنمېينى نىشانلىق تىكىشنى تاماملىدى.

شىنمېي ئۈچ يىلدا مېۋە بېرىدۇ، ئۇنىڭغا تايىنىپ كەسىپ شەكىللەندۈرۈپ نامراتلىقتىن ۋاقتىدا قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئېنىقكى ئۈلگۈرگىلى بولمايتتى. بىردىنبىر ئامال، پەقەت ئەسلىدىكى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ئىدى.

بۇ بىر يېڭى يول بولۇپ، تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈشتىن ساقلانغىلى بولمايتتى. خاتا سىناق تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، كەنت ئالدى بىلەن بىرنەچچە پارچە يەر ئېچىپ سىناق ئېتىزى قىلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن، كەنت شۇ جاينىڭ تۇپرىقى ۋە كىلىمات مۇھىتىغا بىرلەشتۈرۈپ لازا، جاڭدۇ، سامساق، بەسەي، پەيزاۋات قوغۇنىنى تېرىغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن بىراقلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

ئەمەتنىڭ ئۆيى سىناق ئېتىزىغا يېقىن ئىدى، بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. «بۇ نەرسىلەر ھەقىقەتەن ئۈنۈپ چىقتى، چوقۇم بۇغداي، قوناق تېرىغانغا قارىغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ! ئېتىزدا يەر <ئاغدۇرۇپ>لا ياخشى كۈنگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، نېمىشقا قىلمىغۇدەكمىز؟»

ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم، ھەرقانچە چىرايلىق سۆزلىگەن بىلەنمۇ، بىرەر ئىش قىلىپ دېھقانلارغا كۆرسىتىپ قويغانغا يەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ «ئاغزاكى يېتەكلىشى» بىلەن سىناق ئېتىزىدا تېرىقچىلىق قىلىش باشتىن - ئاخىر ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى لىنىيەنىڭ كېسىشىشى تاماملىنىپ، چاقا كەنتىنىڭ خاس تېرىقچىلىقى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، چاقا كەنتى ئالتە كۆكتات پارنىكى ياساش، 25 مو يەرگە پەيزاۋات قوغۇنى تېرىش، 35 مو يەرگە كۆكتات تېرىش ۋە ھويلا - ئارانلاردا كۆكتات تېرىشنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاقا كەنتى خەلقنى بېيىتىش تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھۆددىگە ئالغان 90 مو تۇتاش يەردىكى شىنمېينى ئۈلگە كۆرسىتىپ پەرۋىش قىلدى. ھەر پەسىلدە بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى بىر قېتىم تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر ئايدا مۇتەخەسسىس ۋە تېرىقچىلىق ئۈلگە ئائىلىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بىر قېتىم لېكسىيە سۆزلەتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تېرىقچىلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

خاس تېرىقچىلىق ئىزىغا چۈشتى، باقمىچىلىق ئىشلىرىمۇ توختاپ قالمىدى. باقمىچىلىق چېن شيۇفېڭنىڭ كەسپىگە ئۇدۇل كەلگەچكە، بۇنىڭدىن قىينالمايتتى. كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق ئاساسى بار ئىدى، پەقەت تېخنىكا ۋە ئىدىيە كەمچىل ئىدى.

«تېخنىكا جەھەتتە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، لېكىن نۇرغۇن كىشى يەنىلا كونا قاراشتا بولۇپ، قوينى بورداپ بولسىمۇ يەنىلا قوتانغا سولىۋېلىپ بېقىۋېرىدۇ، ئائىلىدە پۇل يېتىشمىگەندىلا ئاندىن ئېلىپ چىقىپ ساتىدۇ، ۋاقتىدا سېتىپ يېڭىدىن پاقلان كىرگۈزمىگەچكە، كۆپ پۇل تاپالمايدۇ» دېدى چېن شيۇفېڭ. يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ھازىر بۇ خىل ئەھۋالدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، ھەرقايسى ئائىلىلەردە ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى سۈپەتلىك ئوبوروت شەكىللەندى.

ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئىزچىل يېتىشەلمەيۋاتقان چاقا كەنتى بۈگۈنكى كۈندە ئاخىر يېتىشىۋالدى.

پۇل تاپىدىغان ئىشتا بىزمۇ ئارقىدا قالساق بولمايدۇ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەردە، يەر بايلىقىنىڭ چەكلىك بولۇشى تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان رېئال مەسىلە. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك!

شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايغا جايلاشقان چاقا كەنتى ئەسلىدىنلا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، پەقەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى مۇتەئەسسىپ بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت بۇ قەدەمنى بېسىشنى خالىمايتتى.

ئىدىيەدىكى توسۇقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى قويۇپ بېرىلدى، ئۈمىدكە تولغان تۇرمۇشقا ھەممە ئادەمنىڭ ئىنتىلگۈسى كەلدى.

بۇخەلچىخان سىدىق باشقا كەنتتىن چاقا كەنتىگە ياتلىق بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، راھەت كۈن كۆرۈپ باقمىغانىدى، ئېرىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، پەقەت ئاددىي دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىلا قىلالايتتى، ئۆزىمۇ ئەتىدىن - كەچكىچە بالا بېقىش بىلەنلا ئۆتەتتى. ئادەتتە، ئۇلارغا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمۇ ئاندا - ساندا ياردەم قىلىپ تۇراتتى، لېكىن بەزىدە مەسخىرىمۇ قىلاتتى، ئۇمۇ بۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلايتتى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، كەنت ئەتراپىدا كەنت بىر زاۋۇت قۇردى، بۇخەلچىخان ئېرىگە زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەش توغرىسىدا مەسلىھەت سالدى، كەنتتىمۇ يەسلى بار بولدى، بالىلارغا قارايدىغان ئادەم بولماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدى. «ئىلگىرى بولغان بولسا چوقۇم سېنى توسۇپ قالاتتىم، لېكىن ھازىر ئوخشىمايدۇ، ھەممە ئائىلە قانداق قىلىپ پۇل تېپىشنى ئويلايدىغان بولدى، بىزمۇ ئارقىدا قالساق بولمايدۇ، خاتىرجەم بېرىۋەر» دېدى ئېرى ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ.

ئىككى ئايلىق تەربىيەلەش ئاخىرلاشتى، بۇخەلچىخان ئىش ئورنىغا رەسمىي چىقتى، ئۇنىڭ بىر جۈپ چېۋەر قولى رەڭلىك يىپلار ئارىسىدا ئەپچىل ھەرىكەت قىلىپ، زىچ توقۇلغان گۈللۈك رەختلەرنى توقۇپ چىقاردى. «مائاشىمىز نەتىجە - ئۈنۈم بويىچە ھېسابلىنىدۇ، مەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا خېلى كۆپ پۇل تاپالايمەن، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا چاتاق يوق!» بۇخەلچىخان كۈلۈپ تۇرۇپ، مائاشنى ئالغان تۇنجى ئايدا، ئۇ ئۆزىگە بىر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تازا ئوبدان «كۆز - كۆز قىلغانلىقى»نى ئېيتتى.

كەنتتە ناۋايخانا، ساتىراشخانا ئېچىش، كەنت قۇرغان زاۋۇت، ناھىيە بازىرىدا يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، شىمالىي شىنجاڭغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش... ھازىرقى چاقا كەنتىدە، ھەممە ئادەم تىرىشىدىغان بولدى، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4