سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىر - تەلەپلەر بويىچە، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا «سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» باش تېما قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، دىققەت مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزىتىش تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈزىتىش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يىغىندىن ئىلگىرى مەخسۇس لايىھە تۈزدى، ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگەندى، قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، سىردىشىش، سۆزلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەڭ پىكىر - تەكلىپ ئالدى. مۇشۇ ئاساستا، ساقلانغان مەسىلىلەر، ئاساسلىق يېتەرسىزلىكلەر ۋە ئاجىز ھالقىلار ئۈستىدە چوڭقۇر قايتا ئويلىنىپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل يېزىپ، تۈزىتىش يۆنىلىشى ۋە تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

يىغىندا شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىر - بىرلەپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى چوڭقۇر بولدى، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى توغرا تېپىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتتى.

شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نىشان - ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كادىرلار ئىستىلىنى پۇختا تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى توسۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4