يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 2019 - يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى خۇلاسە قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا 2019 - يىللىق خىزمەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە چۆرىدىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشنى ياخشى تۇتۇش، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلىرىنى تولۇقلاش، يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەكىتلەندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نېگىزى. شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىش يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي مىقدارنى كېڭەيتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق، پاختا، چارۋا، مېۋە ۋە خاس زىرائەت قاتارلىق ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى ۋە «14 - بەش يىل»لىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ تىرىك چوشقا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆممىقوناق شېخى قاتارلىقلارنى يەم - خەشەك ماتېرىيالى قىلىش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقنى ياخشى تۇتۇپ، گۆش قويى، سۈت كالىسى، گۆش كالىسى باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىپ، چوشقا، كالا، قوي گۆشى ۋە كالا سۈتى قاتارلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چەكلەيدىغان بوغما ھالەت مەسىلىسىنى يېشىپ ھەل قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، يىل ئاخىرىدا ئىسلاھاتتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشانلارنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بازار رىقابىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىق كەسپىدە ئالتۇن خەتلىك ماركا يارىتىش كېرەك. قۇملۇق چېكەتكىسى ۋە شىنجاڭ ئىچىدە چېكەتكىنى كۆزىتىپ ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، چېكەتكە ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، رايونلار بويىچە تۈزەش ۋە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ سېلىنما كاپالىتى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى مۇلازىمىتى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكى، ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشتىن ئىبارەت «بەش چوڭ» سىستېما قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4