سۈرئەتنى قوغلىشىش ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاش

قەشقەر ۋىلايىتى:

سۈرئەتنى قوغلىشىش    ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش    نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاش

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: «پارنىكتىكى توغاچلار بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى، 5 -، 6 - ئايلاردا سېتىپ بولىمەن، بۇ 12 پارنىكتىكى توغاچتىن 70 - 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن.» 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يەكەن ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يېڭىئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئامىنە تۇرسۇن پارنىكتىكى توغاچلارغا قاراپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «توغاچلار يىلدىن - يىلغا كۆپ مېۋە بېرىۋاتىدۇ، بۇ يىل ئائىلىمىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ».

«ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىدە بۇ يىل يەنە تۆت ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشكە، 293 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشكە، 77 مىڭ 200 نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا 293 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كەلدى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاش، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشكە كۈچەپ، سۈرئەت قوغلىشىپ، ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش باشلىنىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلەشكەن نامرات كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى شەكلىدە كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت لايىھەسى، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر»، «بىر ئادەمگە بىر ئىش ئورنى» بولۇش لايىھەسىنى بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم بەردى.

«پۈتۈن ۋىلايەتتە 40تىن ئارتۇق نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر، 250 تىن ئارتۇق ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر نامراتلىقتىن چېكىنمىگەن كەنتلەردە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ھەم ناھىيە، يېزىلاردىكى 1500دىن ئارتۇق رەھبىرىي كادىر نامراتلىقتىن چېكىنگەن كەنتلەر، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش بىلەن تولۇق قاپلىدى.» قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ شىنگې مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ ھالىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملايمىز».

يەكەن ناھىيەسى پەكىچى يېزىسى پەكىچى كەنتى يىچېڭ مايسا يېتىشتۈرۈش دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، كەنت ئاھالىسى ئىمىن توختى كۆكتات مايسىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىۋاتاتتى. «بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن پۇل تېپىپ بىر تەرەپتىن تېخنىكا ئۆگەندىم، ھازىر نۇرغۇن تېخنىكىنى ئىگىلىدىم، ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەن» دېدى ئىمىن خۇشال ھالدا.

ئىمىن پەكىچى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئىلگىرى تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، ئىزچىل ئۆيىدە دېھقانچىلىق قىلىپ كەلگەن، كىرىمى كۆپ ئەمەس ئىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىدى، يەنە تېخنىكا ئۆگەندى، مائاشى بارغانسېرى ئۆستى. ھازىر ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلەپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ئىمىن ئەر - خوتۇندىكى ئۆزگىرىش ناھىيە ئەھۋالى، يېزا ئەھۋالى، كەنت ئەھۋالى، ئائىلە ئەھۋالى ۋە ھەربىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن بولغان.

قاغىلىق ناھىيەسى تېتىر يېزىسى تۆۋەن چاقا كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 137 ئائىلىلىك 567 نامرات كىشى بار، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق كىرىمى تۆۋەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى تار بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەسىپ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا شەھەر ئەتراپىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ پارنىك كۆكتاتچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى شياڭگۇ ئۆستۈرۈشنىڭ سېلىنما ئاز كېتىدىغان، ئايلىنىشى تېز، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كىرىمنى ئاشۇرۇش تۈرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارنىك باشقۇرۇش تەجرىبىسى بار كەنت ئاھالىسى مەمەتئېزىز ئۆمەرنى باشلامچى بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، سىناق قىلىپ تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ياساش، يىغىۋېلىش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھازىر 10 مىڭ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى بار، بىر زەمبۇرۇغ تاياقچىسىدىن بىر كىلوگىرام شياڭگۇ ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، بىر كىلوگىرامىنىڭ توپ باھاسى 15 يۈەن، بىر پارنىكتىن يىلىغا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى مەمەتئېزىز.

ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈچ تاللا بازىرى بىلەن سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 293 نامرات كەنت ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، كەلگۈسى پىلان تۈزمەكتە، ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»لىرى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4